ئۆي سېتىۋالغاندا ئالتە ئارىلىققا دىققەت قىلىش كېرەك

2015-01-27 19:47:00
admin
ئىجادى
542
مۇھىم مەزمونى:يول بىلەن بولغان ئارىلىق . قاتناش قىستاڭ بولغان يوللاردا شاۋقۇن ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ . ئۆي سېتىۋالغاندا دېرىزىنى ئېچىپ ، شاۋقۇننىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنى سىناپ بېقىڭ


يول بىلەن بولغان ئارىلىق . قاتناش قىستاڭ بولغان يوللاردا شاۋقۇن ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ . ئۆي سېتىۋالغاندا دېرىزىنى ئېچىپ ، شاۋقۇننىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنى سىناپ بېقىڭ

  ئاممىۋىي سورۇنلار بىلەن بولغان ئارىلىق . مەھەللىنىڭ ئاممىۋىي سورۇنلارغا بولغان ئارىلىقى يېقىن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ تۇرمۇشىڭىزغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بولۇپمۇ باغچە، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنى قاتارلىق سورۇنلاردا شاۋقۇن نىسبەتەن كۈچلۈك بولىدۇ .

 ماشىنا توختىتىش ئورنى بىلەن بولغان ئارىلىق . ئاستىنقى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۇرغۇن شوپۇرلار ئاپتوموبىلنى قوزغاتسا بىر نەچچە مىنۇت قىزىتىدۇ. ئاپتوموبىل ياخشى بولمىسا، چىققان شاۋقۇن بىلەن تەڭ ئويغىنىپ ئورنىڭىزدىن بالدۇر تۇرۇشقا مەجبۇر بولىسىز .

 كوچا چىرىغى بىلەن بولغان ئارىلىق. ئادەتتىكى ئەھۋالدا كوچا چىرىقىغا يېقىنراق بولغىنى ياخشى . چۈنكى، كەچلەردە سىرتقا چىققاندا بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك. لېكىن كوچا چىرىقىغا بەك يېقىن بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا ئۆي ئىچگە بەك يورۇق چۈشۈۋالىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياز كۈنلىرى كېچىسى پاشا -كۈمۈتكىگە ئوخشاش ھاشاراتلار دېرىزە يېنىدىن يىراق كېتەلمەيدۇ .

    قوشنا بىنا بىلەن بولغان ئارىلىق . ئىككى بىنا بەك يېقىن بولسا ئۆي ئىچى قاراڭغۇ بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ تۆۋەن قەۋەتتىكى ئۆيلەردە بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بۇندىن سىرت يەنە بىخەتەرلىككىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ . 

     تاللا بازىرى ، ئاشخانىلار بىلەن بولغان ئارىلىق. ئۆيىڭىز تاللا بازىرىغا يېقىن بولسا  ئەلۋەتتە  ياخشى . بىراق ئۆيىڭىز ئاشخانىنىڭ يېنىدا بولۇپ قالسا ، بۇس، شاۋقۇندىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ .

    باھا سۆزى
    تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن كۆرۈنىدۇ
    ئالاقىلىشىڭ
    ئالاقە: شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى
    يانفۇن: 13369667311,18999931131
    تېلفۇن: 0991-2555807 0991-2554900
    Email: imarat@126.com
    QQ: 1606513483
    ئۈندىدار: imaratcn
    گۈدۈك: 23374
    旺旺: renaya_ali
    网址: http://www.imarat.cn/
    ئادىرىس: ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونى دىۋوپۇ 1-ئەترەت لېخۇا 8- كوچىسى 83-نۇمۇر