سېتىۋېلىشقا بولمايدىغان ئۈچ خىل ئۆي جابدۇقى

2015-02-01 18:32:00
admin
ئىجادى
1106
مۇھىم مەزمونى:بەزى ئۆي جاھازلىرىنىڭ باھاسى زىيادە ئەرزان ، بەزى چاغدا بۇ خىل ماللارنىڭ باھاسى ھەتتا ئەسلىدىكى باھاسىدىن نەچچە مىڭ يۈەن تۆۋەن بولىدۇ ، ئەمما بۇ خىل ئۆي جابدۇقلىرىنىڭ سۈپىتى ناچار ، باھاسى ئەرزان ماتېرىياللاردىن ياسالغان بولىدۇ


 

1 . باھاسى زىيادە ئەرزان ئۆي جابدۇقىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ . بەزى ئۆي جاھازلىرىنىڭ باھاسى زىيادە ئەرزان ، بەزى چاغدا بۇ خىل ماللارنىڭ باھاسى ھەتتا ئەسلىدىكى باھاسىدىن نەچچە مىڭ يۈەن تۆۋەن بولىدۇ ، ئەمما بۇ خىل ئۆي جابدۇقلىرىنىڭ سۈپىتى ناچار ، باھاسى ئەرزان ماتېرىياللاردىن ياسالغان بولىدۇ . بىراق بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ كۆرۈنۈشى بەك چىرايلىق بولغاچقا ، ئىستېمالچىلار بۇ خىل سۈپىتى ئېسىل ، باھاسى ئەرزان ئۆي سايمانلىرىنى كۆرگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بۇ خىل جابدۇقلارنى سېتىۋالىدۇ .

 

     2 . ئادەمنىڭ دىمىقىنى ئېچىشتۇرىدىغان پۇراق چىقىرىدىغان ئۆي سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ . بەزى ئۆي جاھازىلىرى بولۇپمۇ ئاشخانا جابدۇقلىرىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان ھامان ، ئادەمنىڭ دىمىقىنى ئېچىشتۇرىدىغان كۆزىنى ياشاڭغىرىتىدىغان پۇراق چىقىدۇ . بۇ ، بۇ خىل ئۆي جاھازلىرىنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك تەركىبنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ خىل ئۆي جاھازلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە سالىدىغان زىيىنى چوڭ . شۇڭا سۈپەت نازارەتچىلىكى بۇ خىل ئۆي جاھازلىرىنى سېتىۋېلىشنى چەكلەيدۇ . ناۋادا رېئال چەكلىمە سەۋەبىدىن بۇ خىل ئۆي جاھازلىرىنى سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسە، ئەڭ ياخشىسى بىر مەزگىل شامالدىتىپ ، ئاندىن ئىشلىتىڭ .

 

     3. سۈنئىي تاختىدىن ياسالغان ، ئەمما گىرۋەكلىرى تولۇق ئورالمىغان ئۆي جاھازلىرىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ . ئادەتتە سۈنئىي تاختىدىن ياسالغان ئۆي جاھازلىرىنىڭ گىرۋەكلىرىنى ئوراش مەسىلىسى ئىنتايىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . ئەگەر ئۆي سايمانلىرى قاتتىقلىقى ئاشۇرۇلغان سۈنئىي تاختىدىن ياسالغان بولسا ، گىرۋەكلىرىلا ئەمەس ، باشقا يەرلىرىنىمۇ تولۇق ئوراش تەلەپ قىلىنىدۇ . شۇندىلا سۈنئىي تاختىنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشىنى چەكلىگىلى بولىدۇ . ئەمما ھازىر نۇرغۇن ئۆي جاھازىلىرى زاۋۇتى ماتېرىياللارنى تېجەش ئۈچۈن بۇ خىل ئوراش مەشغۇلاتىنى تۇلۇق قىلمايدۇ . شۇڭا ئىمكانىيەت يار بەرسە ، بۇ خىل ئۆي جاھازلىرىنى سېتىۋالمىغان ياخشى .

 


    باھا سۆزى
    تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن كۆرۈنىدۇ
    ئالاقىلىشىڭ
    ئالاقە: شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى
    يانفۇن: 13369667311,18999931131
    تېلفۇن: 0991-2555807 0991-2554900
    Email: imarat@126.com
    QQ: 1606513483
    ئۈندىدار: imaratcn
    گۈدۈك: 23374
    旺旺: renaya_ali
    网址: http://www.imarat.cn/
    ئادىرىس: ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونى دىۋوپۇ 1-ئەترەت لېخۇا 8- كوچىسى 83-نۇمۇر