ياتاق ئۆينى سەرەمجانلاشتۇرۇشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

2015-02-02 19:35:00
admin
ئىجادى
2252
مۇھىم مەزمونى:كىشىلەر بىر كۈندىكى ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقىتنى ياتاق ئۆيدە ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا ياتاق ئۆينى سەرەمجانلاشتۇرۇشقا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىق لازىم.

كىشىلەر بىر كۈندىكى ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقىتنى ياتاق ئۆيدە ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا ياتاق ئۆينى سەرەمجانلاشتۇرۇشقا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىق لازىم.
ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر تېلېۋىزور، كومپيۇتېرنى ياتاق   ئۆيىگە  قويىۋاتىدۇ. ئىگىلىنشىىچە،تېلېۋىزور، كومپيۇتېر قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا پەيدا قىلغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسىغا ۋە سالامەتلىكىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.  
▲ تازىلىق ئۆينى ياتاق ئۆينىڭ  ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇش.
نۆۋەتتىكى چوڭ كۆلەملىك لايىھىلەشتە، چوڭ ياتاق ئۆيگە تازىلىق ئۆيى  ئورۇنلاشتۇرۇلىۋاتىدۇ.  ئەگەردە ھاجەتكە ياتاق ئۆيدىن سىرتقا چىقمىغاندا، نوپۇس سانى كۆپ بولغان ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىنتايىن قولايلىق  بولىدۇ، بىراق مەيلى تازىلىق ئۆيىگە قانداقلا دىققەت قىلغان بىلەن، غەيرىي پۇراق ۋە نەملىكتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ كۆپ ساندىكى چوڭ تازىلىق ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىسى يوق بولۇپ، پەقەت بىرلا ھاۋا ئۆتۈشۈش ئېغىزىلا بولىدۇ. تازىلىق ئۆيىدىكى نەملىكنىڭ ياتاق ئۆيگە كىرىشىدىن ساقلانغىلى  بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇنىڭ بىلەن كارىۋات  بويۇملىرى بۇ نەملىكنى سۈمۈرۈۋالىدۇ- دە،  يېپىنىپ  ياتقاندا كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. نەم بولغان مۇھىت ھۆل تەمرەتكە، تېرە  ياللۇغى  قاتارلىق  بىر  قىسىم  باكتېرىيە تۈرىدىكى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،  شۇڭا ئۆي  سېتىۋالغاندا  ئامال  بار تازىلىق  ئۆيىدە دېرىزىسى بار ئۆينى سېتىۋېلىش ھەمدە تازىلىق ئۆيگە شامالدۇرغۇچ ئورنىتىش،  نەملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
▲گۈلنىڭ ھاۋانى تازىلاپ، ئوكسېگىن مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، جىددىيلىكنى يوقىتىشقا ياردىمى بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپلىگەن كىشىلەر  ئۇنى ياتاق ئۆيگە قويۇشقا  ئادەتلەنگەن. ئەمما    كۈننىڭ  چۈشۈشى  يېتەرلىك بولمىغاندا، يېرم كىچىدە  يېشىل  ئۆسۈملۈكلەر ئوكسېگىننى سۈمۈرۈۋېلىپ، كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىدۇ. ياتاق  ئۆيىدىكى يېشىل ئۆسۈملۈكلەر قانچە كۆپ بولغانسېرى چىقىرىپ تاشلىغان كاربون تۆت ئوكسىدمۇ  شۇنچە  كۆپ بولىدۇ، كىشىلەر  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوكسىگېن  كەمچىل  بولغان مۇھىتتا ئۇزاق مەزگىل تۇرۇۋەرسە،  ئاسانلا چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
▲ياتاق ئۆيدە ئەڭ ياخشىسى  بېلىق  باقماسلىق لازىم، چۈنكى بېلىقداندىن  قويۇپ بېرىلىدىغان سۇ ھورى خېلى كۆپ  بولغاچقا، ياتاق  ئۆينىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇپ، كۆكەرتكۈچى باكتېرىيەنى ئوڭايلا پەيدا قىلىپ، بيولوگىيىلىك يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە  سۇ ناسۇسى شاۋقۇن پەيدا قىلىپ، ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    41
    ئابدۇراخمان
    2015/07/01
    ياخشىمۇ سڭز؟ جاۋاب قايتۇرۇش
    admin
    2015/09/07
    weeleykum esselam bu numurga telfun kilip tapsili ahwalni suruxturung 0991-2555807جاۋاب قايتۇرۇش
    1/1 ئالدىنقى كىيىنكى
    باھا سۆزى
    تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن كۆرۈنىدۇ
    ئالاقىلىشىڭ
    ئالاقە: شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى
    يانفۇن: 13369667311,18999931131
    تېلفۇن: 0991-2555807 0991-2554900
    Email: imarat@126.com
    QQ: 1606513483
    ئۈندىدار: imaratcn
    گۈدۈك: 23374
    旺旺: renaya_ali
    网址: http://www.imarat.cn/
    ئادىرىس: ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونى دىۋوپۇ 1-ئەترەت لېخۇا 8- كوچىسى 83-نۇمۇر