ئېسىل بىناكارلىق نەمۇنىسى-تەكچە

2015-02-05 19:27:00
admin
ئىجادى
2534
مۇھىم مەزمونى:ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن. كۆركەملىك ۋە سەرەمجانلىق ئۇنىڭ يۈكسەك مۇۋەپپەقىيىتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئېسىل بىناكارلىق نەمۇنىسى-تەكچە

 

ئۇيغۇر  بىناكارلىق سەنئىتى ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن. كۆركەملىك  ۋە سەرەمجانلىق ئۇنىڭ يۈكسەك مۇۋەپپەقىيىتى. تەكچە- ئۆي ئىچى بېزەكچىلىكىدىكى كۆركەملەشتۈرۈش ۋە سەرەمجانلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىدە بىنالارنىڭ سىرتقى بېزەكچىلىكىدىمۇ كۆپ قوللىنىلىدىغان مىللىي شەكىللەرنىڭ بىرىدۇر.

بىناكارلىقىمىزدا تەكچىنىڭ تارىخى ئۇزاق، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئاساسەن ئەنئەنىۋى  ئۇسلۇبتا ياسالغان ئۆي- ئىمارەتلەردە ئۆي ئىچى بوشلۇقىنىڭ چەكلىمىسگە  ئۇچرىماي جانلىق قوللىنىلىدۇ.  ئادەتتە خىش- كېسەك تاملىق ئۆي- ئىمارەتلەردە تەكچىلەر تام قوپۇرۇش جەريانىدا پىلانلىق  ھالدا پۈتۈپ ماڭىدۇ. ئىچكى بېزىكىگە ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدىغان بەزى ئۆي- ئىمارەتلەردە تەكچە، تاختاي بىلەن گەجدىن تەييارلىنىپ، تامغا چاپلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇنداق تەكچىلەر كۆركەم ۋە  سىپتا  بولىدۇ. سوقما تاملىق  ئۆي تەكچىلىرى تامنى ئويۇپ  ياسىلىدۇ. بۇ خىل  تەكچىلەر ئاددىيراق  بولۇپ، ئادەتتە، «ئويۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تەكچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تېيىز- چوڭقۇرلۇقى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما بىر پۈتۈن شەكلى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. بىناكارلىق سەنئىتى جەھەتتىن ئالاھىدە  تەلەپ قويۇلىدىغان چوڭ ۋە  ئوتتۇرا تىپتىكى تۇرالغۇلاردا تەكچىنىڭ سانى، شەكلى ۋە چوڭ- كىچىكلىكىگە  قويۇلىدىغان تەلەپ بىر  قەدەر يۇقىرى بولۇپ، سېممېترىك بولۇش، تەكشى بولۇش، ئۆزگىرىشچان بولۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. مورىلىق ئۆيلەردە مورىنى مەركەز  قىلىپ ياسالغان ھەر  خىل تەكچىلەر بولىدۇ. بەزى ئۆيلەردە مەخسۇس بىر تامغا  مەرەپ- تەكچىنىڭ چوڭايتىلغان شەكلى چىقىرىلىپ، ئىككى يان ۋە  ئۈستىدىكى بوشلۇققا  مۇۋاپىق چوڭلۇقتىكى تەكچىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مەرەپ ئىچىگە يوتقان- كۆرپە، ياستۇق تىزىلىپ، پەردە بىلەن يېپىپ قويۇلىدۇ. تۇرپاندا  بۇنى  «لىمتاق» دەپ ئاتايدۇ. بەزى لىمتاقلار تۆت چاسا ۋە  كېمىر شەكلىدە بولىدۇ، ئىككى يان ۋە ئۈستىگە ئويۇقچىلار  چىقىرىلىدۇ. بۇ ئويۇقچىلارنىڭ شەكلىمۇ چاسا، كېمىر شەكىللىرىدە بولۇپ، شەكىل جەھەتتىن قەشقەر  تەكچىلىرىدىن پەرقلىنىدۇ، ئەمما  رولى تامامەن ئوخشاش.

ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، تەكچە مىلادىنىڭ ئالدى- كەينىدىلا  ئىشلىتىلىشكە  باشلىغان. قەدىمكى يارغول شەھىرىدە  ياشىغان ئەجدادلارنىڭ تاملىرىدا  ئىپتىدائىي تەكچىلەرنىڭ ئىزنالىرى ھېلىھەم ساقلىنىپ تۇرماقتا. قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ بىناكارلىق تېخنىكىسى  ئانچە   تەرەققىي   قىلمىغانلىقتىن، كىچىك   گەمىلەردە  ئولتۇراقلاشقان ئىدى. ئۇلار  ئۆي ئىچى بوشلۇقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش  مەقسىتىدە تۇرمۇش  بويۇملىرىنى قويۇش  ئۈچۈن تاملارنى ئويۇپ، ئۆي ئىچى بوشلۇقىنى كېڭەيتكەن. بۇ «ئويۇق»دەپ ئاتالغان. كېيىنچە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى، بىناكارلىق  تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا  ئەگىشىپ ،تەكچىلەرنىڭ شەكلى مەرەپ، شەددە، ئۈچبۇلۇڭ ۋە  ياي شەكلىدە ياسىلىدىغان، ئەتراپىغا  نەقىش  ئىشلىنىدىغان، ئىچى سىرلىنىدىغان، پەگاسىغا  تاختاي قويۇلىدىغان، گەج، ياغاچ، ئەينەك قاتارلىق ماتېرىياللار ئىشلىتىلىدىغان بولغان.

ئاستانە  قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان تام رەسىمدە: «ئائىلە  باشلىقى مېۋىلىك باغدىكى قۇببە تورۇسلۇق راۋاقتا ئۆزىنى يەلپۈپ ئولتۇرغان، ئوڭ تەرەپتە  ئاشخانا  ئۆي، ئۆي تېمىدا تەكچە ئويۇلغان...»كۆرۈنۈش سىزىلغان بولۇپ، بۇمۇ قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەينى دەۋردىكى  تۇرالغۇ ئۆيلىرىدە  تەكچە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مىلادىنىڭ ئالدى- كەينىدە ياسىلىشقا  باشلىغان مىڭئۆيلەردە، بۇددا  ئىبادەتخانىلىرىدا  ۋە  بۇددا  مۇنارلىرىدا  دىنىي ئېتىقاد يۈزىسىدىن بۇددا  ھەيكەللىرىنى، نوم- دەستۇرلارنى، جەسەت  كۈلى قۇتۇلىرىنى ۋە  ھەر  خىل تۇرمۇش بويۇملىرىنى قويىدىغان ئورۇن بولۇش  سۈپىتى بىلەن تەكچە ئىنتايىن كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن. تەكچە ئەتراپىمۇ بۇددا دىنى مەزمۇنىدىكى ھەر خىل رەسىم ۋە  نەقىشلەر بىلەن  بېزەلگەن. ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى مىڭئۆي ھەمدە  قەدىمكى شەھەر  خارابىلىرىدىكى تام ۋە  مۇنار  قالدۇقلىرىدا چوڭ- كىچىكلىكى، شەكلى ھەر  خىل  ياسالغان  تەكچىلەر  ھېلىمۇ ساقلىنىپ تۇرماقتا. 1878- يىلى ئىدىقۇت قەدىمكى شەھەر  خارابىسىنى تەكشۈرۈپ،  شەھەرنىڭ سىخماتىك خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان  ئا. ئې. رېگىل ئەپەندى بۇ شەھەر  توغرىسىدا  توختىلىپ،« بۇ شەھەر   بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇن  بىنا   قىلىنغانىكەن. شەھەرنىڭ سېپىللىرى ناھايىتى قېلىن ۋە  ئېگىز.... سېپىل  ئىچىدە  ئېگىز - ئېگىز  مۇنارلار بولۇپ، بۇ  مۇنارلاردا ئەگمە  شەكىلدىكى  تەكچە  ۋە  چوڭ ھەيكەللەر  بار  ئىكەن» دەپ خاتىرە  قالدۇرغان.

11- ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ  ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد  كاشىغەرى «تۈركىي تىللار  دىۋانى» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىدە  تەكچىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق يازغان: «سەرۈ- تەكچە، تاختىبېشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي جابدۇقلىرى قويۇلىدۇ»؛ «يۈدرۈك- ئۈستىگە كىيىم- كېچەك ۋە  باشقا نەرسىلەرنى تىزىپ قويىدىغان لىمتاق، مەرەپ؛  ئويۇقلۇق ئەۋ- ئويۇقلۇق ئۆي، تەكچىسى بار ئۆي».

دېمەك، تەكچە ئۇيغۇرلار  قەدىمدىن تارتىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئېسىل بىناكارلىق نەمۇنىسى بولۇپ، ئۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىناكارلىق ئىلمىدىكى ئۆي ئىچىنى سەرەمجانلاشتۇرۇش سەنئىتىدە ئالاھىدە  تەدبىرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نامايەندىدۇر. نۆۋەتتە بىناكارلار ئۆي ئىچى بېزىكىنى لايىھەلىگەندە تەكچىنىڭ ئالاھىدە  رولىدىن ئىلھاملىنىپ، بىر  قىسىم ئۆي جاھازىلىرى ۋە  تۇرمۇش  بويۇملىرىنى تام ئىچىگە  ئورۇنلاشتۇرماقتا. تام ئىشكاپ، تامغا  يىغىلىدىغان كارىۋات، تامغا يىغىلىدىغان ئۈستەل قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.


    باھا سۆزى
    تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن كۆرۈنىدۇ
    ئالاقىلىشىڭ
    ئالاقە: شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى
    يانفۇن: 13369667311,18999931131
    تېلفۇن: 0991-2555807 0991-2554900
    Email: imarat@126.com
    QQ: 1606513483
    ئۈندىدار: imaratcn
    گۈدۈك: 23374
    旺旺: renaya_ali
    网址: http://www.imarat.cn/
    ئادىرىس: ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونى دىۋوپۇ 1-ئەترەت لېخۇا 8- كوچىسى 83-نۇمۇر