ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ قول ھۈنەر بويۇملىرىنى ياساپ ئىشلىتىش ئادىتى

2015-02-08 19:12:00
admin
ئىجادى
2722
مۇھىم مەزمونى:ئۇيغۇلارنىڭ ياغاچ قول ھۈنەر بويۇملىرىنى ياساپ ئىشلىتىش تارىخى ئۇزۇن، ھۈنەر-تېخنىكىسى مۇكەممەل.

ئۇيغۇلارنىڭ ياغاچ قول  ھۈنەر بويۇملىرىنى ياساپ ئىشلىتىش تارىخى ئۇزۇن، ھۈنەر-تېخنىكىسى مۇكەممەل. تەتقىقاتچى ئىسرائىل يۈسۈپ، ئەنۋەر قاسىم ئېيتقاندەك «ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلارغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى ئەجدادلار ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ،  بىرونزا دەۋرى يەنى  بۇنىڭدىن 3-4 مىڭ يىللار بۇرۇنقى مىس قوراللار دەۋرىدە تۆمۈر تىغلىق قېرىش ئەسۋابلىرى بىلەن ياغاچتىن ياسالغان ھەر خىل جابدۇقلارنى، جۈملىدىن يېمەك- ئىچمەك ئەسۋابلىرىنى ياساپ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلىتىپ كەلگەن. شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ھەرقايسى خارابىلىك ۋە قەبرىستانلىقلاردىن ياغاچتىن ئويۇپ، قىرىپ ياسالغان ئاياق، تاۋاق، جام، كومزەك، چۆمۈچ، قوشۇق، چوكا، تەڭنە، سوغا، ئەمبەل قاتارلىق يېمەك- ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇرمۇش جابدۇقلىرى ناھايىتى كۆپ تېپىلغان».

1996- يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا، چەرچەن ناھىيەسىدىكى زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن  غەربىي خەن دەۋرىگە تەۋە ياغاچتىن ياسالغان تۆت دانە ئاياغ، ئۈچ دانە جام، ئۈچ دانە كومزەك، بىر  دانە  چۆمۈچ، ئىككى دانە تەڭنە تېپىلغان. ئۇيغۇرلاردا تۆمۈر تىغلىق كېسىش، ئويۇش، قىرىش  ئەسۋابلىرى  ئارقىلىق  ياغاچتىن  تۈرلۈك  بويۇملارنى  ياساش  ۋە  ئۇنى ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ئەينى دەۋردە كەسىپلەشكەن ياغاچ قىرمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىنى ۋە مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنى بارلىققا  كەلتۈرۈپ، ياغاچچىلىق ھۈنەر-  تېخنىكىسى ۋە ياغاچ بويۇملار تىجارىتى جەھەتتە تەدرىجىي ھالدا كەسىپلىشىش، مۇكەممەللىشىش بارلىققا كەلگەن.

ياغاچ بويۇملار ئاساسەن يەرلىك قول ھۈنەرۋەنلەر تەرىپىدىن كېسىش، ئويۇش، قىرىش ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىپ ياسلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا  ياغاچتىن  ياسالغان  بۇيۇملارنىڭ، جۈملىدىن تاماقلىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاپلارنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى ھەر خىل بولۇپ، ياسىلىشى سىپتا ھەم  يېنىك، ئىشلىتىشكە  ئەپلىك ھەم چىداملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. خەلقىمىزدە ياغاچتىن ياسالغان تاماقلىنىش ئەسۋابلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىش  20-  ئەسىرنىڭ  ئوتتۇرىلىرىغىچە  داۋاملىشىپ كەلگەن. فار- فۇر، تۈنىكە، ئاليۇمىن ۋە قەلەيدىن ياسالغان تاماق جابدۇقلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ياغاچتىن ياسالغان بەزى تاماقلىنىش ئەسۋابلىرى خەلقىمىز تۇرمۇشىدا ئاساسەن ئىستېمالدىن قالغان ئىدى. ياغاچتىن ياسالغان بۇ ئەسۋاپلارنىڭ ئەكس تەسىرى يوق ھەمدە سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تونۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ياغاچ ئەسۋابلارنى تۇرمۇشتا قايتىدىن ئىشلىتىش ئومۇملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچتىن ياسالغان تاماقلىنىش جابدۇقلىرىنى ئىشلىتىش ئورنى جەھەتتىن تاماق تەييارلاشتا ئىشلىتىدىغان تاماق سايمانلىرى ۋە تاماق يېيىش -ئىچىشتە ئىشلىتىدىغان قاچا- قۇچىلار دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

تۆۋەندە ياغاچتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلار بىلەن تونۇشۇپ باقايلى:

ياغاچ ئاياق - ئېغىزى يايپاڭ، ئىچى چوڭقۇر، تېگى تۈز كەلگەن قول ھۈنەر بويۇمى. ئۇنىڭ ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى  20سانتىمېتىردىن25 سانتىمېتىرغىچە، چوڭقۇرلۇقى بەش سانتىمېتىردىن يەتتە سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. قەدىمكى ئەجدادلار ناھايىتى بۇرۇنلا ياغاچتىن ھەر خىل  ئاياقلارنى ياساپ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان. شەكىل جەھەتتە ئۆرە ئاياق، يېسسى ئاياق  دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. ئۆرە ئاياق يىسسە ئاياغقا قارىغاندا ئېگىزرەك بولۇپ، ھازىرقى ياپىلاق  چىنىنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئاياق نىسبەتەن ياپىلاق بولىدۇ. يېسسى ئاياق نىسبەتەن چوڭراق بولۇپ، ھازىرقى چېنە تەخسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ياغاچ ئاياق ئۆرۈك، ئۈجمە، ياڭاق، چىلان ياغىچىنى ئويۇپ، قىرىپ چوڭ- كىچىك قىلىپ ياسىلىدۇ. بۇ  دەرَەخلەرنىڭ  ياغىچى  ناھايىتى  قاتتىق  بولغاچقا، ياغاچ ئاياغ ئوڭايلىقچە سۇنمايدۇ. سۇيۇقئاش، ئۈگرە، چۆچۈرە، ئۇماچ، شويلا، شورپا قاتارلىق تەستە سوۋۇيدىغان تاماقلار ياغاچ ئاياغدا تېز سوۋۇيدۇ. ئىشلەتكەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قىزىرىپ تېخىمۇ كۆركەم كۆرۈنىدۇ.

ياغاچ تاۋاق- شەكلى يۇمىلاق، ئۈستى كەڭ، ئىچى سەل ئويمان، پەتنۇس ياكى لېگەن شەكلىدە كەلگەن قول ھۈنەر بويۇمى. ئۇنىڭ ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى 30- 40 سانتىمېتىرغىچە، چوڭقۇرلۇقى تۆت- بەش سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. خەلقىمىز ئارىسىدا باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىغا لايىق جاۋاب قايتۇرمىغاندا، ئارىدىكى باردى- كەلدى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان «بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم، بولمىسا  ئارىدا سۇن تاۋىقىم» دېگەن تەمسىل تاۋاقنىڭ خەلقىمىز تۇرمۇشىدا بىر قەدەر كەڭ ئىشلىتىلگەنلىكنى چۈشەندۈرىدۇ. ياغاچ تاۋاق ئۆرۈك، ئامۇت، ئالما ياغىچىنى ئۇيۇش، قىرىش  ئارقىلىق، چوڭ- كىچىك قىلىپ ياسىلىدۇ. ئىشلىتىلگەن ياغاچلار قاتتىق بولغاچقا، ياغاچ  تاۋاق ئوڭايلىقچە سۇنمايدۇ. پار-پۇر تۈنىكە ، ئاليۇمىن قاچىلارنى ئىشلىتىش، ئومۇملىشىشقا  يۈزلەنگەن بۈگۈنكى كۈندە ياغاچ تاۋاق يېزا-قىشلاقلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا ھېلىھەم ئىشلىتىلمەكتە.

چۆچەك- شەكلى يۇمىلاق، ئىچى چوڭقۇر كەلگەن قول ھۈنەر بويۇمى. چۆچەك چىلان، ياڭاق، ئۈجمە، ئۆرۈك ، توغراق ياغىچىنى ئۇيۇش، قىرىش ئارقىلىق، سەل نېپىز ھەم نەپىس قىلىپ ياسىلىدۇ. خەلقىمىز قەدىمكى دەۋردىن تارتىپ چۆچەكنى سىنچاي، ئەتكەن چايلارنى ئىچىش ھەمدە چۆچۈرە، ئۈگرە، سۇيۇقئاش قاتارلىق سۇيۇق  تاماقلارنى ئىچىشتە ئىشلىتىپ كەلگەن. ھازىرمۇ ئايرىم يۇرتلاردا ھازىرقى زامان پىيالىسىنىڭ  ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە. چۆچەكنى ئاياللار چاچ تارىغاندا يېلىم ئېرىتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇ «يېلىم چۆچىكى»دەپ ئاتالغان.

ياغاچ جام- شەكلى يۇمىلاق، ئىچى چوڭقۇر، ئاياغدىن كىچىك، چۆچەكتىن چوڭراق  كەلگەن قول ھۈنەر بويۇمى. ئۇنىڭ ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى ئالتىدىن سەككىز سانتىمېتىرغىچە، چوڭقۇرلۇقى تۆتتىن ئالتە سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. قەدىمكى ئەجدادلار خېلى بۇرۇنلا ئىجاد قىلىپ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلەتكەن. ياغاچ جام سۇ، سۈت قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتە ۋە چۈچۈتۈلگەن سۇ مايلارنى ساقلاشتا ئىشلىتىدۇ. ياغاچ جامنىڭ بەزىلىرى  كۇرۇشكىغا  ئوخشايدۇ.

ياغاچ قوشۇق- تاماق يېيىشتە ئىشلىتىدىغان، چۆمۈچسىمان كەلگەن  قول ھۈنەر بويۇمى. قەدىمكى ئەجدادلار خېلى بۇرۇنقى دەۋردىن باشلاپ ياغاچ ئاياق، ياغاچ  تاۋاقلارنى ئىجاد قىلىپ ئىشلىتىش بىلەن بىرلىكتە ياغاچ  قوشۇقلارنىمۇ ئىجاد قىلىپ تۇرمۇشىدا ھەممىدىن كۆپ ئىشلىتىپ كەلگەن، بەزىدە ئۇنىڭ سېپىنى چوكا ئورنىدا  ئىشلەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ  قول  -ھۈنەر  سەنئىتىدە قوشۇقچىلىق بۇرۇندىنلا شۆھرەت  قازانغان. ياغاچ قوشۇق ئۈجمە، ئۆرۈك، چىلان ياغاچلىرىدىن ئويۇپ، قىرىپ، سىپتا  نەقىش  چىقىرىلىپ، يۇمىلاق ۋە  ئۇچلۇق شەكىلدە ياسىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى  16  سانتىمېتىردىن 18 سانتىمېتىرغىچە ئەتراپىدا  بولىدۇ. ياغاچ  قوشۇقتا تاماق تېز سوۋۇپ ئېغىزنى كۆيدۈرمەيدۇ.

ئەمدى چىۋىقتىن ياسالغان تاماقلىنىش ئەسۋابلىرى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى:

چىۋىق زىخ- ئادەتتە يۇلغۇن چىۋىقىدىن تەييارلىنىدىغان بولۇپ، زىخ كاۋىپى، بېلىق كاۋىپى پىشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ. چىۋىق زىخنى  ئەجدادلىرىمىز كاۋاپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا  باشلىغاندىن تارتىپ ئىشلەتكەن بولۇپ، خەلقىمىز ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئىنچىكىلىرىنى بىر قېتىم، تومراقلىرىنى  ئۇزۇنغىچە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. يۇلغۇن چىۋىقىنىڭ غولى قاتتىق بولۇپ، ئوتقا چىداملىق  بولىدۇ. بولۇپمۇ ھۆل چىۋىقتا تەبىئىي تۇز تەركىبىي بولغاچقا، ئوتتا قىزىغاندا تەركىبىدىكى تۇز  گۆش بىلەن بىرىكىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كاۋاپ ھەم تولۇق ھەم تەملىك پىشىدۇ.

چىۋىق چويلا- سېرىق سۆگەتنىڭ ھۆل چىۋىقى ئاقلىنىپ  سۈزگۈچ  قىسمى گىرۋىكىدىن ئىچ تەرىپىگە ئايلاندۇرۇپ چۆمۈچ شەكلىدە توقۇپ ياسىلىدىغان لەڭمەن قاتارلىق  تائاملارنىڭ چۆپىنى سۈزۈشتە ئىشلىتىدىغان بويۇم.

چىۋىق چويلىنى ئەجدادلىرىمىز ئۇندىن تەييارلىغان تائاملارنى ئىستېمال قىلىشقا  باشلىغاندىن كېيىن تاماق تەييارلاشتا ئىشلىتىپ كەلگەن. چىۋىق چويلا لەڭمەن، كۆك چۆچۈرىسى، ياغدا پىشۇرۇلىدىغان بۇغۇرساق قاتارلىق تائام - يېمەكلىكلەرنى سۈزۈپ ئېلىشتا  ئىشلىتىلىدۇ. چىۋىق چويلىدا تائام - يېمەكلىك چۈشۈپ كەتمەيدۇ،  تەمىدە  ئۆزگىرىش بولمايدۇ. سىم  چويلىلارنى  ئىشلىتىشنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن ياغاچ چويلىنى ئىشلىتىش ئازايغان بولسىمۇ، ئايرىم كىشىلەر تۇرمۇشتا يەنىلا چىۋىق چويلىنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.

چىۋىق سېۋەت- دەرەخ چىۋىقىدىن يۇمىلاق ياكى چاسا شەكىلدە  توقۇلغان قول ھۈنەر بويۇمى. ئۇ ئادەتتە نان، گۆش، مېۋە- چېۋە  قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى توشۇش ۋە قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئەجدادلىرىمىز چىۋىق سېۋەتلەرنى قەدىمدىن تارتىپلا ئۆز  تۇرمۇشىدا ئىشلەتكەن.  چىۋىق  سېۋەتنىڭ تۈرلىرىدىن  پۇلۇق سېۋەت، ياغلىق سېۋەت، چۇرۇڭ سېۋەت، باداڭ سېۋەت قاتارلىقلار بار.  

    باھا سۆزى
    تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن كۆرۈنىدۇ
    ئالاقىلىشىڭ
    ئالاقە: شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى
    يانفۇن: 13369667311,18999931131
    تېلفۇن: 0991-2555807 0991-2554900
    Email: imarat@126.com
    QQ: 1606513483
    ئۈندىدار: imaratcn
    گۈدۈك: 23374
    旺旺: renaya_ali
    网址: http://www.imarat.cn/
    ئادىرىس: ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونى دىۋوپۇ 1-ئەترەت لېخۇا 8- كوچىسى 83-نۇمۇر