ياغاچ نەقىش سەنئىتى

2015-02-14 17:43:00
admin
مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى
3423
مۇھىم مەزمونى:ياغاچ نەقىش سەنئىتى دېگىنىمىز ، پىچاقتا ياغاچنى يۇنۇش ئارقىلىق گۈل چىقىرىش سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ ئاساسلىقى بىناكارلىقتا قوللىنىلىدۇ . ئۇيغۇر ، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر مەسچىت ھەم ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ ئىشىك ، دېرىزە ، لەمپە ، تۈۋرۈك ، لىم ، چەنزە ئۇچى ، تۈۋرۈك تەگلىكى قاتارلىق جايلىرىغا تۈرلۈك گۈل - نەقىشلەرنى ئويۇشقا ئامراق .

ياغاچ نەقىش سەنئىتى


ياغاچ نەقىش سەنئىتى دېگىنىمىز ، پىچاقتا ياغاچنى يۇنۇش ئارقىلىق گۈل چىقىرىش سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ ئاساسلىقى بىناكارلىقتا قوللىنىلىدۇ . ئۇيغۇر ، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر مەسچىت ھەم ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ ئىشىك ، دېرىزە ، لەمپە ، تۈۋرۈك ، لىم ، چەنزە ئۇچى ، تۈۋرۈك تەگلىكى قاتارلىق جايلىرىغا تۈرلۈك گۈل - نەقىشلەرنى ئويۇشقا ئامراق . بۇ گۈل - نەقىشلەرنىڭ تولىسى گېئومېتىرىك شەكىللەر ۋە گۈل - گىياھ نەقىشلىرى بولۇپ ، بىنانىڭ قۇرۇلمىسى ، تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ، شۇنىڭغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ، بىر - بىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان نەقىشلەرنى چۈشۈرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار . نەقىشلەردىن تۈز سىزىق شەكلى ئاساس قىلىنىدۇ . نەقىشلەر تولىمۇ كۆركەم ، ھەيۋەتلىك بولۇپ ، نەقىش بىلەن ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئورگانىك بىرلىشىپ ، بىناغا ئالاھىدە ھۆسن قوشىدۇ . شىبە مىللىتى ئولتۇراق ئۆيىنىڭ دېرىزىسىگە ، ساندۇق ، جاۋەن قاتارلىق ئۆي جاھازلىرىغا مودەنگۈل ، نېلۇپەر گۈلى ئاساس قىلىنغان نەقىشلەرنى ئويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ . قازاقلارنىڭ كىگىز ئۆيى ھەم ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان سوغا (ياغاچ چېلەك) ، ئاياق( ياغاچ قاچا) ، ساپلىق ، قوشۇق قاتارلىق ياغاچتىن ياسالغان ئەسۋابلارنىڭ ھەممىسىدە ئويما نەقىشلەر بار. موڭغۇللارنىڭ چالغۇ ئەسۋابىنىڭ دەستە ئۇچىغا ياغاچتىن ئويۇلغان كىچىك ئات بېشى قوندۇرۇلغان بولغاچقا ، ئۇ ئات باشلىق غېجەك دەپ ئاتىلىدۇ . شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياغاچ ئويما سەنئىتى مەخسۇس بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بۆشۈكتە ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ . ياغاچ ئويمىنىڭ بېكىتىپ قويۇلغان قىلىپ شەكلى يوق . ئۇنى سەنئەتكارلار تامامەن ئۆزلىرىنىڭ بەدىئىي ماھارىتىگە قاراپ ئويۇپ چىقىدۇ . شۇڭا جايلارنىڭ ياغاچ ئويمىلىرى بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ .


    باھا سۆزى
    تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن كۆرۈنىدۇ
    ئالاقىلىشىڭ
    ئالاقە: شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى
    يانفۇن: 13369667311,18999931131
    تېلفۇن: 0991-2555807 0991-2554900
    Email: imarat@126.com
    QQ: 1606513483
    ئۈندىدار: imaratcn
    گۈدۈك: 23374
    旺旺: renaya_ali
    网址: http://www.imarat.cn/
    ئادىرىس: ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونى دىۋوپۇ 1-ئەترەت لېخۇا 8- كوچىسى 83-نۇمۇر