تالا تام رەڭلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈلىشى

2015-04-25 20:12:00
admin
ئىجادى
2303
مۇھىم مەزمونى:تالا تام سۇۋالغۇ-بوياقلىرىنىڭ ئۆڭۈپ كەتمەسلىكى رەڭنىڭ سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن ،يەنە تۆۋەندىكى بىرقانچە ئامىل بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

‫تالا تام رەڭلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈلىشى

 

‫‫تالا تام سۇۋالغۇ-بوياقلىرىنىڭ ئۆڭۈپ كەتمەسلىكى رەڭنىڭ سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن ،يەنە تۆۋەندىكى بىرقانچە ئامىل بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

‫‫1-رەڭنى توغرا تاللاش ۋە قوللىنىش

‫‫2-تالا تام سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) سۈپىتى:

3-تالا تام سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) قۇرۇلۇش قىلىش  شارائىت ۋە ئۇسۇلى قاتارلىقلار

‫‫يۇقىرىدىكى بىر نەچچە تەرەپ تالا تام ئۆڭمەسلىكىنىڭ زۆرۈر شەرتى.  ‫‫تالا تام سۇۋالغۇسىنىڭ ئۆڭمەس يىل چېكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن، رەڭ ئىشلىتىش ۋە تالا تام سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) ئىشلىتىش جەريانىدا تۈۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك:

‫‫1.تالا تام رەڭنى توغرا تاللاش ۋە ئىشلىتىش

‫‫تالا تام رەڭ ئىشلەتكەن بوياقلار تۈرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن،ئۆڭمەسچانلىقىدا پەرق مەۋجۇت ،چوقۇم تالا تام   سۇۋالغۇ-بۇياق ئۆڭمەس يىل چېكى تەلىپىگە مۇۋاپىق  سورت بۇلىشى كىرەك.لېكىن  كۆپ سانلىق ئورگانىك  رەڭنىڭ  ئۆڭمەسلىكى  سۇسلاشتۇرۇش تاناسىپىنىڭ  ئېشىشىغا  ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ.سۇۋالغۇ-بۇياق ئۆڭمەس يىل چېكى يەنە تەننەرخ ،سۇۋالغۇ-بۇياق رەڭگى ۋە سۇس-قېنىقلىقى، سۇۋالغۇ رەڭ تەڭشىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.‫‫چۇقۇم توغرا تاللاش،ئىشلىتىلگەن تالا تام رەڭ، بىر ۋاقىتتا ئەڭ تۆۋەن ئىشلىتىش ئۆلچىمىنى  تىزگىنلەش.

 

‫‫تاللاپ ئىشلەتكەن ۋاقىتتا،تۆۋەندىكى پىرىنسىپتىن پايدىلىنىش كىرەك:

 

1>تالا تام سۇۋالغۇ-بۇياقلىرى ئۆڭمەس يىل چېكى ۋە رەڭ سۇس-قېنىقلىق ئاساسەن تاللاش

‫‫1.ئۆڭمەس يىل چېكى 3يىلدىن يۇقىرى ھەرخىل رەڭلىك تالا تام سۇۋالغۇ بىلەن ئۆڭمەس يىل چېكى 3يىل ئىچىدىكى سەل سۇس رەڭ تالا تام سۇۋالغۇسى ،تۆۋەندىكى يۇقىرى ئىقتىدارلىق رەڭ سورتىنى تاللاپ ئىشلىتىش.

‫(1)‫ئانئورگانىك بۇياق رەڭنى ئالدىن ئويلىشىش.مەسىلەن :تۆمۈرنىڭ ئوكسىدلىرى،دەرىجىدىن تاشقىرى چىداشلىق، كاربون قارىسى قاتارلىقلار.

‫‫(2)ئورگانىك بوياق رەڭ تەۋسىيە قىلىنغانلىرى:768- HB توق (قېنىق) قىزىل ،713 -HB ئاچ قىزىل،  537- HB  ئوچۇق سېرىق، 539 -HBئوتتۇرا-ھال سېرىق،543 -HB قىزغۇچ سېرىق ،382 -TE فىتالوسيانىن كۆكى ۋە باشقىلار.

‫‫391 -HB   نېلۇپەر كۆك بىخەتەر  ئىشلىتىش مىقدارى يۇقىرىدا ئېيتىلغان رەڭدىن سەل يۇقىرى بۇلىشى كىرەك.

‫2.‫ئۆڭمەس يىل چېكى 3يىل ئىچىدىكى ئوتتۇرا-قېنىق رەڭ تالا تام سۇۋالغۇسىغا، ئانئورگانىك تۈر ۋە فتالېئىن كۆك تۈردىكى ئىقتىدار-باھا نىسبىتى يۇقىرى رەڭنى ئالدىن تاللاش لازىم.

‫‫ياكى نىسبەتەن ئەرزان باھالىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئورگانىك رەڭ بولسىمۇ بۇلىدۇ.مەسىلەن:718 -HB توق (قېنىق) قىزىل ،547 -HB ئوچۇق سېرىق ،549 -HB ئوتتۇرا-ھال سېرىق ۋە باشقىلار.‫‫ئىشلىتىش مىقدارى %4 دىن يۇقىرى بولغاندا، بىر قەدەر ياخشى ئۆڭمەسچانلققا ئىگە.

‫‫لېكىن ئۆڭمەس يىل چېكى 3يىلدىن يۇقىرى ھەرخىل تالا تام سۇۋالغۇلىرىغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

 

‫‫2>.تالا تام رەڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىشلىتىش مىقدارى:

‫‫يۇقىرى ئىقتىدارلىق تالا تام رەڭ- سەل سۇس تالا تام سۇۋالغۇسىدا ئىشلىتىشكە بولسىمۇ،لېكىن ئۆڭمەس يىل چېكى مۇئەييەن ۋاقىتقا يەتكەندە،يەنىلا ئەڭ تۆۋەن بىخەتەر ئىشلىتىش مىقدارىىغا چەك قۇيىلىدۇ،بۇلۇپمۇئورگانىك رەڭلەر.

‫‫رەڭ ئىشلىتىش مىقدارى بىلەن ئۆڭمەس يىل چېكى ئوڭ تاناسىپ بۇلىدۇ،ئىشلىتىش مىقدارى ئازايسا،ئۆڭمەس ۋاقتى مۇناسىپ قىسقىرايدۇ،

‫‫ئانئورگانىك رەڭنىڭ چىداملىقلىغى ياخشى ، ئەگەر ئۆڭمەس يىل چېكى بىر قەدەر ئۇزۇن بولسا،ئىشلىتىش مىقدارى رىتىسىپ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %1 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كىرەك.

‫‫ئورگانىك رەڭگە نىسبەتەن ،ئۆڭمەس خۇسۇسىيىتى پەرقلىق بۇلۇپ،ئەڭ تۆۋەن ئىشلىتىش چېكىمۇ ئوخشىمايدۇ.

‫‫1.يۇقىرى ئىقتىدارلىق تالا تام رەڭ

‫(1)‫تالا تام يەككە رەڭ سۇۋالغۇ تەڭشىگەندە،ئۆڭمەس تەلىپى 3يىل ئىچىدە بولسا، رەڭ ئىشلىتىش مىقدارى سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) ئومۇمىي مىقدارىنىڭ (0.5%-0.8%)دىن تۆۋەن بولماسلىق كېرەك.ئۆڭمەس تەلىپى 3يىلدىن يۇقىرى بولسا،ئەڭ تۆۋەن بىخەتەر ئىشلىتىش مىقدارى رىتىسىپ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ (%1.5~%1،2)بۇلىشى كېرەك.‫‫بۇ رەڭ(539 -HB ئوتتۇرا-ھال سېرىقتىن سىرت)،سەل سۇس سۇۋالغۇغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

‫(2)‫ئارىلاشما رەڭ تالا تام سۇۋالغۇ، 2خىلدىن ئارتۇق رەڭنى ئاساسى رەڭ قىلغاندا، ئۆڭمەس تەلىپى 3يىل ئىچىدە بولسا، ھەرخىل ئاساسى رەڭ ئىشلىتىش مىقدارى سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %0.4دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، ھەرخىل ئاساسى رەڭ ئىشلىتىش مىقدارى يىغىندىسى سۇۋالغۇ (تام ئاقلاايدىغان سۇيۇقلۇق) ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %0. 8 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، بىر نەچچە خىل رەڭ ئىشلىتىش مىقدارى يىغىندىسى سۇۋالغۇ(تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %1.5تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.‫‫ئەڭ تۆۋەن ئىشلىتىش مىقدارى ئۆڭمەس يىل چېكى ئېشىشغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ.

 

2.‫ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىقتىدارلىق تالا تام رەڭ :

‫(1)‫يەككە رەڭ تالا تام سۇۋالغۇسى ،ئەڭ تۆۋەن بىخەتەر ئىشلىتىش مىقدارى رىتىسىپ ئومۇمىي مىقدارنىڭ %4 ئەتراپىدا بۇلىشى.

‫(2)ئارىلاشما رەڭ تالا تام سۇۋالغۇسى، 2خىلدىن يۇقىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىقتىدارلىق رەڭ ئاساسى رەڭ قىلىنغاندا، ھەرقايسى ئاساسى رەڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىشلىتىش مىقدارى رىتىسىپ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %0. 2دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، ھەرخىل رەڭ يىغىندىسى %4دىن ئاز بولماسلىق كېرەك.‫‫ئاز مىقداردا ياكى مىكرو مىقداردا قوشۇمچە رەڭ تەڭشىگەندە،يۇقىرى ئىقتىدارلىق سورت تاللاش كېرەك

‫‫‫<3رەڭ ئىقتىدار ماسلاشتۇرلىشى:

‫‫‫تالا تام سۇۋالغۇ-بۇياقنىڭ رەڭ تۇراقلىقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،رەڭ ئىقتىدار ئوخشىماسلىق ،رەڭگى ئۆڭۈش  تېزلىكى ئوخشاش بولماسلىق قاتارلىقلاردىن كىلىپ چىققان سۇۋاق  ئۆزگىرىش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش، رەڭ تەڭشىگەندە، رەڭ ئىقتىدارى ماس كېلىشىگە  دىققەت قىلىش كېرەك.

‫‫‫1.ئاساسى رەڭ ماسلاشتۇرۇش:ئاساسى رەڭ ئىقتىدارى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە  يېقىنلىشىش ، يۇقىرى ئىقتىدارلىقنى ئوتتۇرا ،تۆۋەن  ئىقتىدار رەڭ ماسلاشتۇرۇش  قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

‫‫‫.2ئاساسى،قوشۇمچە رەڭ ماسلاشتۇرۇش :يۇقىرى ئىقتىدارلىق،ياكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىقتىدارلىق  رەڭ ئاساسى رەڭ قىلىنىشتىن قەتئىينەزەر، مىكرو مىقدار قوشۇمچە رەڭگە پەقەت يۇقىرى ئىقتىدارلىق رەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

‫‫‫<2.ئاساسى سۇۋالغۇ  رەڭ تەڭشەش تەلىپى

‫‫‫تالا تام سۇۋالغۇنىڭ سۈپىتى،  تاللاپ ئىشلەتكەن رەڭ بىلەن ماسلىشىش ماسلساشماسلىقى ، رەڭنىڭ ئۆڭمەسچانلىقى بىلەن  بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك

‫‫‫ئەگەر ئاساسى سۇۋالغۇنىڭ ئۆڭمەسچانلىقى ،چىداملىقلىغى بەلگىلەنگەن  يىل چېكىگە يەتمىسە،مۇددەتتىن بۇرۇن  شورلىشىش ياكى سويۇلۇپ چۈشۈش ھادىسى يۈز بەرسە،تەبىئىيلا رەڭگى ئۆڭۈش يۈز بىرىدۇ.

‫‫‫بىر قەدەر قېنىق رەڭ تەڭشىگەندە،ئەگەر تاللىغان ئاساسى سۇۋالغۇ-تىتان ئېقى مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى ياكى  بوياق ھەجمى قويۇقلۇقى( PVC) بىر قەدەر چوڭ بولسا،ئوخشاشلا ئاسانلا مۇددەتتىن بۇرۇن،  شورلىشىش ياكى سويۇلۇپ چۈشۈش ھادىسى يۈز بىرىدۇ،تەبىئىيلا رەڭگى ئۆڭۈش يۈز بىرىدۇ.

 

‫‫‫ئاساسى سۇۋالغۇ ئىقتىدار تەلىپى ۋە تاللاش تۈۋەندىكىچە:

‫‫‫(1)ئاساسى سۇۋالغۇ ئىقتىدار تەلىپى

‫‫‫ئاساسى سۇۋالغۇدا بار بولغان پەردا قاپلاشچانلىقى ۋە مۇستەھكەملىكى ،رەڭ سىغىشىشچانلىقى ياخشى بۇلىشى كېرەڭ.‫‫رىتىسىپ پىلانلاش ۋە خام ئەشيا تاللاشتا تۆۋەندىكى  پىرىنسىپقا  دىققەت قىلىش كىرەك

‫1.‫سۈپىتى سۈپەتلىك تالا تام سۇۋالغۇسىنى  (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) تاللاپ ئىشلەتكەندە، ئىمۇلىسسىيە ئىشلىتىش كېرەك؛سۈپىتى ياخشى رۇتىلسىمان تىتان ئېقى كۇكۇنى؛چىداملىق  ،سۈپىتى ياخشى تولدۇرۇلما ماتېرىيالى؛ يېتەرلىك سۈپىتى ياخشى ھۆللىگۈچ، تارقاقلاشتۇرغۇچى دورىلار ئىنتايىن مۇھىم.‫‫ھەرخىل ياردەمچى دورىلار ۋە ئىمۇلىسسىيە ئەڭ مۇۋاپىق ماس كېلىشى كېرەك.

‫‫2.چىداملىق تەلىپى  ئۈچ يىلدىن  يۇقىرى تالا تام  سۇۋالغۇسى (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) ،سۇۋالغۇرىتىسىپتىكى  ئىمۇلىسسىيە مىقدارى %35دىن  يۇقىرى بۇلىشى، بوياق ھەجمى  قويۇقلۇق(PVC ) %45دىن تۆۋەن بۇلىشى كېرەك.

‫3.‫سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) ھالىتى تۇراقلىق ،ۋە  ياخشى بولغان پەردە ھاسىل قىلىشى ۋە قۇرۇلۇش قىلىشقا ماس كېلىش كېرەك.‫‫پەردە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن  سۇۋالغۇ پەردىسىىدە ھېچقانداق نۇقسان يوق بۇلىشى كىرەك.

‫‫(2)ئاساسى سۇۋالغۇ تاللاش

‫.1رەڭ تەڭشىگەندە، رەڭ سۇس-قېنىقلىقى ئوخشىمىسا،تىتان ئېقى  مىقدارى  ۋە PVC ئاساسى سۇۋالغۇمۇ ئوخشىمايدۇ.

‫‫.2سەل سۇس رەڭ تەڭشىگەندە، تىتان ئېقى مىقدار% 20ئەتراپىدا  ئاساسى سۇۋالغۇ بۇلىشى، PVC  %45دىن ئاز بۇلىشى كېرەك.

‫‫ئورگانىك رەڭ ئومۇمىي ئىشلىتىش مىقدارى سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) رىتىسىپ ئومۇمىي مىقدارنىڭ %3دىن ئېشىپ كەتمەسلىك.ئانئورگانىك رەڭ ئىشلىتىش مىقدارى ئومۇمىي ئىشلىتىش مىقدارى %5دىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.‫‫رەڭ  مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە،سۇۋالغۇ پەردە ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.

‫3.رەڭ ئىشلىتىش مىقدارى 4%-6%گىچە بولسا،ئوتتۇرا دەرىجىلىك قېنىق رەڭ سۇۋالغۇ،ئاساسى سۇۋالغۇدىكى تىتان ئېقى ئىشلىتىش مىقدارى سۇۋالغۇ-بۇياق سېلىشتۇرما نىسبەت ۋە PVC تەرىپىددىن بېكىتىلىدۇ،تەخمىنەن رىتىسىپ ئومۇمىي مىقدار 8-12%نى ئىگىلەيدۇ.‫‫رەڭ ئىشلىتىش مىقدارى 6%دىن يۇقىرى قېنىق رەڭ بولسا،ئاساسى سۇۋالغۇدىكى تىتان ئېقى ئىشلىتىش مىقدارى رىتىسىپ مىقدارىىنىڭ 5-8%نى ئىگىلەيدۇ.‫‫پەۋقۇلئاددە قېنىق رەڭ سۇۋالغۇ،ئاساسى سۇۋالغۇدىكى تىتان ئېقى ئىشلىتىش مىقدارى تەخمىنەن رىتىسىپ مىقدارىنىڭ  0%-3%نى ئىگىلەيدۇ.‫‫ئوتتۇرا دەرىجىلىك قېنىق رەڭ بىلەن قېنىق رەڭ سۇۋالغۇ رىتىسىپىنى تەڭشىگەندە،PVC سۇس  ئاساسى سۇۋالغۇدىن ئاز بولغاندا،كۆپ خىل رەڭ ئارلاشتۇرسىمۇ،نورمال دائىرىدە بولىدۇ.‫‫.4ئېنىقلىق بىر قەدەر ياخشى رەڭنى،ئوتتۇرا ھال-قېنىق رەڭ  سۇۋالغۇ بىلەن تەڭشىگەندە،CR دا ئاسانلا تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ.‫‫بۇ ۋاقىتتا ئاساسى سۇۋالغۇغا مۇۋاپىق مىقداردا تىتان ئېقى ئىشلىتىلسە بولىدۇ.‫‫ئاخىرقى مەھسۇلات ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشنتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،مۇۋاپىق مىقداردا ئىمۇلىسسىيە ئىشلىتىش مىقدارى ئاشۇرۇلسا بولىدۇ

‫<3تالا تام سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) سۇۋالغۇ قۇرۇلۇش قىلىش تەلىپى

‫‫تالا تام سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) قۇرۇلۇش قىلىش شارائىت ھاۋا رايى ۋە تام گەۋدە ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

‫‫قۇرۇلۇش قىلىش ئۇسۇلى:تالا تام يۈزىنى بىر تەرەپ قىلىش ،سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) سۇيۇلدۇرۇش ،سۇۋاش ئۇسۇلى،ۋە سۇۋالغۇ پەردە قېلىنلىق قاتارلىقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

‫‫بۇ ئامىللار سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) ئۆڭمەسلىكىگە بىۋاسىتە تەسۇۋالغۇ قىلىدۇ.

‫‫تالا تام سۇۋالغۇ-بۇياق قۇرۇلۇش قىلىش تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؛

‫‫(1)قۇرۇلۇش قىلىش شارائىتى

‫‫1.ھاۋا رايى شارائىت

‫‫سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) دا قۇرۇلۇش قىلغاندا،ھاۋا رايى شارائىتى ئوچۇق،قۇرغاق بۇلىشى.‫‫ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 5سىلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولماسلىق،نىسپىي نەملىك 90% يۇقىرى بولماسلىق.‫‫‫سوغۇق ،يۇقىرى تېمپېراتۇرا،بەك نەم ھەمدە بوران-چاپقۇندا  قۇرۇلۇش قىلماسلىق

‫‫.2تام گەۋدىسى شارائىتى

‫‫قۇرۇلۇش قىلغاندا تام گەۋدىسى قۇرۇق،تۈز ۋە تەكشى،مۇستەھكەم بۇلىشى،تالا تام يۈزدە ماي دېغى ۋە باشقا  قوشۇمچە نەرسىلەر بولماسلىق.‫‫تام گەۋدىسىدىكى سۇ مىقدارى 6%دىن تۆۋەن بولماسلىق.‫‫ئەگەر تام گەۋدىسى ئىشقارلىق بەك يۇقىرى بولسا، شامالدا تولۇق قۇرۇتۇش ،ئۆرلىگەن شورنى  تازلىغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش قىلىش،  زۆرۈر بولسا ئىشقارلققا قارشى تۇرغۇچ تەگ سۇۋالغۇ ئىشلىتىش.

(2)قۇرۇلۇش قىلىش  ئۇسۇلى

‫‫1.تالا تام سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) تام گەۋدىسىدە مۇئەييەن قېلىنلىقتا سۇۋالغۇ پەردىسى ھاسىل بولسا،ئاندىن تام گەۋدىسىنى ئۈنۈملۈك ئاسرىغىلى بولىدۇ، مۇئەييەن دەرىجىدە قوغدىغىلى  ئۆڭمەس يىل چېكىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.‫‫قۇرۇلۇش قىلغاندا،سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) بىلەن سۇۋالغۇ نىسبىتى،سۇۋاش قېتىم سانى قاتارلىقلارنى  بەلگىلىمە بۇيىچە  ئىجرا قىلىش.‫‫ئادەتتىكى ئەھۋالدا،سۇۋاش قېتىم سانى ئۈچتىن ئاز بولماسلىق.‫‫بىرىنچى قېتىم ،ئىككىنچى  قېتىملىق سۇ نىسبىتى ھەجىمىنى(سۇ:سۇۋالغۇ) 2:8 ۋە 1:9 نىسبەتتە بۇلىشى،يۈز سۇۋالغۇنى ئادەتتە سۇ بىلەن نىسبەتلەشتۈرۈش كەتمەيدۇ.‫‫ئارتۇق مىقداردىكى سۇ قېتىش سۇۋالغۇ پەردە چىداملىق ،ئۆڭمەسلىكىگە ئېغىر تەسۇۋالغۇ كۆرسىتىدۇ.

‫‫2.تالا تام سۇۋالغۇ-بۇياقتا قۇرۇلۇش قىلغاندا،سۇيۇلدۇرۇش تاناسىپ ئوخشاشلىقىغا  ئالاھىدە دىققەت قىلىش،ھەر قېتىملىق سۇۋاش قېلىنلىق  تەكشى بۇلىشى، تام گەۋدىسى رەڭنىڭ سۇس-قېنىقلىق ئوخشاش بولماسلىقتىن ساقلىنىش.‫‫قېنىق رەڭ سۇۋالغۇغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش.

‫‫4>رەڭ تەڭشىگەندە  دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

‫‫1.رەڭنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەندە،ياكى سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) رىتىسىپنى تەڭىگەندە،سىغىشىشچانلىق ئاساسىدا ئىشلىتىش ،بوياش كۈچى قاتارلىقلارنى تەجرىبە قىلىپ بېقىش.‫‫مەسىلە يوقلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئىشلىتىش .

‫‫2.ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى تولۇق ئارلاشتۇرۇش،ئېغىزنى ئاچقاندا،ئەگەر قاچا دىۋاردا قۇرۇق چاپلىشىپ قالغان رەڭ بولسا،ھۆل لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ پاكىزلاش،قورۇق رەڭ دانىچىسى سۇۋالغۇغا چۈشۈپ،تارقاقلاشتۇرۇشقا دەخلى قىلىشتىن ساقلىنىش.‫‫ئىشلىتىش بولغاندا،دەرھال  چېلەك ياپقۇچنى ھىم ئېتىش،قورۇق،ۋە مىكروئورگانىزم ماددىلارنىڭ چىرىش سۈپىتى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىدىن ساقلىنىش.

‫‫3.ھەر قېتىم رەڭ تەڭشەشتىن ئىلگىرى،ئاۋۋال 1-5كىلوگىرامغىچە سۇۋالغۇنى تەڭشەپ بېقىش،رەڭ قوشۇپ تولۇقلاش تاناسىپنى جەزملەشتۈرگەندىن كىيىن،كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش ،جەزىملەشتۈرمەيلا رەڭنىڭ تۇراقسىزلىق كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش.‫‫رەڭ قوشۇپ تولۇقلىغاندا،بىر تەرەپتىن ئارىلاشتۇرۇپ ،يەنە بىر تەرەپتىن قوشۇش،ئالدىرىماسلىق،مۇئەييەن مىقداردا ئېلىپ قېلىش، نۇسخا  قېنىقلىقى  مۇقۇملاشقاندىىن كېيىن داۋاملىق قوشۇش.‫‫ئەگەر رەڭ قېنىقلىقى يەنىلا يېتەرلىك بولمىسا،مىكرو مىقدار رەڭنى سەۋرچانلىق بىلەن تۈزىتىش .

‫‫4.مەزكۇر شىركەت مەھسۇلاتىنى ئىشلەتكەندە،باشقا شىركەت مەھسۇلاتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك.‫‫بولمىسا توساتتىن رەڭ ئۆزگىرىش،رەڭگى ئۆڭۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە،بەلكىم رەڭ مەھسۇلاتلىرىدىن كېلىپ چىقسىمۇ،مەسئۇلىيەتنى ئايرىماق تەس .

‫5.‫رەڭ مەھسۇلاتىنى سالقىن،قۇرغاق يەردە قويۇش، ساقلاش تېمپېراتۇراس( 5-45)سىلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بۇلىشى كېرەك.‫‫كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە ئىشلىتىش .‫‫ئەگەر كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۈتۈپ كەتسە،ئالاقىدار ئۆلچەشتىن ئۆتكۈزۈش،ھېچقانداق سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلمىسە داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن،  ئىشلىتىشتىن توختاش كېرەك.

‫‫ئالاھىدە  ئەسكەرتىش:

‫‫يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈش: بىناكارلىق سۇۋالغۇ (تام ئاقلايدىغان سۇيۇقلۇق) غا قارىتىلغان،ۋە سۇۋالغۇ رەڭ ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش،ئالاھىدە ئەھۋالدا،كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

 

شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى

باھا سۆزى
تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن كۆرۈنىدۇ
ئالاقىلىشىڭ
ئالاقە: شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى
يانفۇن: 13369667311,18999931131
تېلفۇن: 0991-2555807 0991-2554900
Email: imarat@126.com
QQ: 1606513483
ئۈندىدار: imaratcn
گۈدۈك: 23374
旺旺: renaya_ali
网址: http://www.imarat.cn/
ئادىرىس: ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونى دىۋوپۇ 1-ئەترەت لېخۇا 8- كوچىسى 83-نۇمۇر