سۇۋالغۇلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەش

2016-11-23 17:19:00
admin
ئىجادى
281
مۇھىم مەزمونى:سۇۋالغۇنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش

سۈپەت ئۆلچەش


سۇۋالغۇنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش

سۇۋالغۇنىڭ سۇۋاپ بېزەش جەريانىدىكى ھەربىر ئىش تەرتىپىدىكى سۈپەت ۋە ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ،ئادەتتە سۇۋالغۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخنىكا ياكى ئىشلىتىش ئورنى بىلەن  سۇۋالغۇ ئىشلەپچىقارغان ئورۇندىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىپ بېكىتكەن تېخنىكا كۆرسەتكۈچى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ .

سۇۋالغۇنىڭ خۇسۇسىيتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش بىر خىل ئۆلچەپ تەكشۈرۈش تۈرىنىمۇ ئوخشاش بولمىغان كۆپ خىل ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بار .ئادەتتە سۇۋالغۇنىڭ دائىملىق ئۆلچەپ تەكشۈرۈش تۈرلىرىدىن سۇۋالغۇ  قويۇقلۇقى ،سىپتىلىقى، تەركىبىدىكى قاتتىق جىسىم مىقدارى ،زىچلىقى قاتارلىقلار بار .


.1قويۇقلۇقىنى ئۆلچەپ بېكىتىش

سۇۋاپ بېزەش جەريانىدا سۇۋالغۇنىڭ قويۇقلۇقى ئەسلىدىكى قويۇقلۇقى ۋە ئېشىپ بېرىش قويۇقلۇقى دەپ ئايرىلىدۇ .ئەسلىدىكى قويۇقلۇقى سۇۋالغۇنىڭ زاۋۇتتىن كىرگۈزۈلگەن ۋاقىتتىكى ئەسلىي سىرنىڭ قويۇقلۇقىنى ؛ئىش ئېلىپ بېرىش قويۇقلۇقى يەنە ئىشلەش قويۇقلۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ مەلۇم بىر خىل سۇۋاپ بېزەش ئۇسۇلىدا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان قويۇقلۇق دېگەنلىكتۇر.

  دائىم قوللىنىلىدىغان سۇۋالغۇنىڭ قويۇقلۇقىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى تەجرىبە ئارقىلىق ئۆلچەپ بېكىتىش ئۇسۇلى ۋە سۇۋالغۇ 4-ئستاكانلىق قويۇقلۇقنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئۆلچەپ بېكىتىش ئۇسۇلى دەپ ئىككى  تۈرگە ئايرىلىدۇ.

سۇۋالغۇنىڭ ئاستى-ئۈستى تولۇق ئىلەشتۈرۈلىدۇ، ياغاچ كالتەك ياكى سىر چوتكىسىنى سىر سۇيۇقلۇقىغا چىلاپ .دەرھال تارتىپ ئېلىپ، سىر سۇيۇقلۇقىنىڭ كالتەك ياكى سىر چوتكىسىدىن ئېقىپ چۈشكەندىكى  سوزۇلۇشنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى كۆزىتىش ئارقىلىق قويۇقلۇقىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بېكىتىلىدۇ .  

ئەگەر ئارىلىقى 200~300mm بولسا ،قويۇقلۇقىنىڭ پۈركۈپ سۇۋاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئەگەر ئارىلىق 500mmدىن ئېشىپ كەتسە ،قويۇقلۇقى بەك يۇقىرى بولۇپ ،ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ،چوقۇم سۇيۇلدۇرغۇچى خۇرۇچ قوشۇپ قويۇقلۇقىنى تەڭشەش زۈرۈرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تەجرىبە ئارقىلىق ئۆلچەپ بېكىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا تەڭشەش ۋاقتىنى تېجىگىلى  سۇۋالغۇ بىلەن ئېرىتكۈچىنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى .ئازايتقىلى بولىدۇ ،بۇ ئۇسۇل كىچىك كۆلەمدىكى ئىش ئېلىپ بېرىشلاردا كۆپ قوللىنىلىدۇ .

 

.2سىپتىلىقنى ئۆلچەپ بېكىتىش

سۇۋالغۇنىڭ سىپتىلىقى ئاساسلىقى سىر رەڭگى.مەسىلەن ،تەڭشەلگەن سىر ،ماگنىتلىق سىر ،داتنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىرى  تەركىبىدىكى بوياق ماتېرىيال دانچىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ياكى بوياق ماتېرىيالنىڭ سىردىكى تارقىلىشىنىڭ تەكشىلىك دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ ،ئۇ ئادەتتەumبىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

بوياق ماتېرىيالنىڭ سىپتىلىقى قانچە كىچىك بولسا ،سىردىكى تارقىلىش دەرىجىسى  شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ ،سۇۋالغۇ پەردىسىمۇ شۇنچە سىلىق ،پارقىراق بولۇپ ،بېزەش ،ئاسراش خۇسۇسىيەت شۇنچە ياخشى بولىدۇ .ئەمما ئوخشاش بولمىغان تۈر ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلدىكى سۇۋالغۇنىڭ سىپتىلىق تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ ،ئادەتتە ئاستى سىر، ئوتتۇرا سىر، يۈز سىرىدىن تەركىب تاپىدىغان  سۇۋاپ بېزەش سىستېمىسىدا  ،يۈزسىرى ئەڭ سىپتا ،ئۇنىڭدىن قالسا ئوتتۇرا سىر بولىدۇ، ئاستى سىر ئەڭ يىرىك بولىدۇ ،ئەگەر چىرىمتال بىلەن ئوكسىدلانغان تۆمۈر بوياق ماتېرىيالى قىلىنغان سىر بولسا ،ئۇنىڭ سىپتىلىق تەلىپى تېخىمۇ تۆۋەنرەك بولىدۇ .

نۆۋەتتە قىرغۇچ تاختىلىق سىپتىلىقنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى بىلەن سىپتىلىق ئۆلچەپ بېكىتىلىدۇ.

قىرغۇچ تاختىلىق سىپتىلىقنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنىڭ  ئايرىم-ئايرىم0~100،0~150 ،0~ 50 umلىق ئۈچ خىل ئۇزۇن ئوقۇرى بولىدۇ ،سىناق ئەۋرىشكىسى  سىپتىلىقنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئوقۇرى ئىچىگە قۇيۇلۇپ ،ئىككى قول بىلەن قىرىش پىچىقىنى  تۇتۇپ تۇرۇپ ،سىلىقلانغان يۈز تاختا ئۈستى تەرىپىگە توغىرسىغا قۇيۇلۇپ، قىرىش پىچىقىنى سىپتىلىقنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنىڭ يۈزىگە تىك قىلىپ3s،ئىچىدە قىرىش پىچىقىنى ئوقۇرىنىڭ چوڭقۇر جايىدىن تېيىز جايىغا قاراپ تەكشى كۆچ بىلەن بىر قېتىم قىرىمىز .كۆرۈش سىزىقى بىلەن ئوقۇر تەكشى يۈزى ئارىسىدا°15~30لۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ ،فوكۇس نۇقتىسىنى تەڭشەپ تۇرۇپ ئوقۇر ئىچىدىكى  دانىچىلارنىڭ تەكشى كۆرۈنگەن جايدىكى ئىشكالا كۆزىتىلىدۇ ،يەنى سىناق ئەۋرىشكىسىنىڭ سىپتىلىقى تەكشۈرۈلىدۇ ،ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ئىككى يېقىن ئىشكالا سانىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىدىن ئېلىنىدۇ .

قىرغۇچ تاختىلىق سىپتىلىقنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك ؛قىرغۇچ تاختىلىق سىپتىلىقنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى بىلەن قىرغۇچ پىچاقنىڭ پاكىز بولۇشىغا،مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .سىرتتىن كەلگەن ياكى سىپتىلىقنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان دانچىلار بىلەن باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سىپتىلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ .كۆزىتىشىنى«دەرھال تاماملاش» كېرەك. ئېرىتكۈچىلەرنىڭ پارلىنىشىغا ئەگىشىپ پەردىنىڭ قېلىنلىقى ئۆزگىرىپ كىچىكلەيدۇ، ئەسلىدە كۆرۈنۈپ قالمىغان دانىچىلار كۆرۈندۇ .بۇ ۋاقىتتا ئىشكالا سانى »قويۇق» لىقىنى كۆرسىتىدۇ ،بولۇپمۇ ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى°30تىن يۇقىرى بولغاندا سېزىمچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ . پارلىنىشچان ئېرىتكۈچىلەر سۇۋالغۇنىڭ  قاتتىق جىسىم تەركىبى تۆۋەن بولغانلىقتىن ئېرىتكۈچىلەرنىڭ پارلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ،شۇڭا قىرىش جەريانى ۋە ئىشكالا ئوقۇش جەريانىدا«دەرھال تاماملاش«قا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك .

باھا سۆزى
تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن كۆرۈنىدۇ
ئالاقىلىشىڭ
ئالاقە: شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى
يانفۇن: 13369667311,18999931131
تېلفۇن: 0991-2555807 0991-2554900
Email: imarat@126.com
QQ: 1606513483
ئۈندىدار: imaratcn
گۈدۈك: 23374
旺旺: renaya_ali
网址: http://www.imarat.cn/
ئادىرىس: ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونى دىۋوپۇ 1-ئەترەت لېخۇا 8- كوچىسى 83-نۇمۇر