شىركەت ھەققىدە

شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى

شىركىتىمىزنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرلىشى

ئىمارەت سۇۋالغۇ زاۋۇتىمىز 2009 - يىلى1-ئايدا قۇرۇلغان، ئەينى چاغدا پەقەت ئىككى خىل مەھسۇلاتنىلا  ئىشلەپچىقىرىدىغان كىچىك تىپتىكى زاۋۇت ئىدى . يەنى، ئۈرۈمچى لى باڭ تې سۇۋۇما تام قەغەز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئۆي ئىچى بېزەشنى ئاساس قىلغان ئىدى .ئۈزلۈكسىز يېڭى تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈپ،توختىماي تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ،جاپالىق بازار ئېچىش،يېڭىلىق يارىتىش شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا،2013-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى رەسمىي قۇرۇلدى.بۇ شىركەت سۇۋۇما تام قەغەز ۋە ئىچكى تام-تالا تام سۇۋالغۇسى ئىشلەپچىقىرىش،ئىشلەپچىقىرىشتا تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ۋە ھەرخىل گۈل باسما بوياقلار،ھەرخىل گۈل باسما قېلىپلار،ئىچكى تالا تام سۇۋالغۇلىرى ،ئىچكى تالا تام سۇۋالغۇ رەڭلەر ،مېتال سىر ،سۇلۇق ياغاچ جاھاز سىرلىرى ، مايلىق ياغاچ جاھاز سىرلىرى ،تاش سىرلىرى ،ماي دوغاپ ۋە ماي دوغاپ سۇلىرى ،مايلىق سۈزۈك سىر رەڭ،سۇلۇق دوغاپ ،سۇلۇق سۈزۈك سىر رەڭ،يۇڭلۇق چوتكا ،سىر چوتكا ،دومىلىما چوتكا،ئاق يىلىم ،فوسفورلۇق گۈل سۇۋالغۇسى قاتارلىق سۇۋالغۇ خام ماتېرىياللىرىنى سېتىش بىلەن بىرگە ئۆي ئىچى-سىرتىنى بېزەش قۇرۇلۇشىنى قىلىدۇ.شۇنداقتىمۇ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسى تاۋار ئالماشتۇرۇشتىكى تۇنجى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى بولغاچقا بىز بۇ جەھەتتە ئۈزۈكسىز ئىزدىنىپ، تەجرىبىلەرنى توپلاپ، 2013 - يىلى رەسمىي ئىمارەت نامىدىكى شىركەتنى ئەنگە ئالدۇردۇق.


نۆۋەتتە شىركىتىمىزنىڭ زاۋۇت، ئىشخانا ئومۇمىي كۆلىمى 4000كىۋادرات مېتىر بولۇپ،28نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىمىز بار.  547 ئۇنىۋېرسال سېتىش ئورنىمىز ۋە 50 ۋاكالەتچىمىز بار بولۇپ مەھسۇلاتىمىزنىڭ تۈرى 50 خىلدىن ئاشىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش،تەتقىقات ،سېتىش ۋە بېزەكچىلىك بىر گەۋدە قىلىنغان شىركەت. شىركىتىمىزدە دىرېكتور ئىشخانىسى، ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى، سېتىش بۆلۈمى، ئېلان تەشۋىقات بۆلۈمى، مالىيە ئىشخانىسى ،كۆرگەزمە زالى، ئارقا سەپ بۆلۈمى ۋە ھۈنەر سەنئەت ئىشخانىسى بار. ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى قارمىقىدا يەنە زاۋۇت ۋە مەھسۇلات تەتقىقات بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان. زاۋۇتىمىزنىڭ بارلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق ۋە يۈرۈشلەشكەن. زاۋۇت رايونىدا خام ماتېرىيال ئامبىرى، خۇرۇچ ئامبىرى، تەييارلاش سېخى، ئەۋرىشكە ئامبىرى، ئىسكىلات، قېلىپ ياسىمىخانا، بوياق سېخى قاتارلىق بىر قاتار ئىنچىكە ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى تەسىس قىلىنغان.


شىركىتىمىزنىڭ قارىمىقىدا ھازىر مىللىي بازارىمىزغا يۈزلەنگەن ماركىدىن ئىمارەت، كۆركەم، نەقىش، قالقان قاتارلىق تۆت ماركا، خەنزۇ بازىرىغا يۈزلەنگەن ماركىدىن جوڭتۇليەن، لىباڭتې،ئوۋباۋلەي قاتارلىق  ئۈچ ماركا بار.

شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان ئىچكى تام سۇۋالغۇلىرى بولسا ئەلا سۈپەتلىك مۇھىت ئاسرايدىغان كاۋچۇك يېلىمى بىلەن ئىشلەپ چىقارغان ناھايىتى كۈچلۈك،نەپىس مۇھىت ئاسرايدىغان يېشىل مەھسۇلات.رەڭگى سەرخىل بولۇپ ئاساسلىقى سېمونتلۇق قۇم-لاي تام يۈزى،ئېندوكسىلىق قۇرۇلۇش تام يۈزى ،گەج-ناۋا ۋە ئانئورگانىك ماتېرىياللاردىن شەكىلگە كەلتۈرگەن تام يۈزى،ياغاچ قۇرۇلمىلىق تام يۈزلەرگە ،ئالى ئولتۇراق رايون،ھەشەمەتلىك مېھمانخانا،داچا،مەكتەپ قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا ئىشلىتىلىدۇ.  تالا تام سۇۋالغۇلىرى ئىشلىتىش ئاسان ،پۇرىقى يېقىشلىق ئاسان مەينەت بولمايدۇ ،قاپلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك ،سىر قەۋىتى پۇختا بولغان مەھسۇلات بولۇپ ، كۈچلۈك كۈن نۇرى ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك رەڭ ئاسراش ئىقتىدارىغا ئىگە ،ئۇزاققىچە ساقلىنىدۇ.مەھسۇلاتىمىز ھەرخىل رەڭلىك بولۇپ ئۇزاققىچە رەڭگى ئۆڭمەيدۇ . سىر قەۋىتى نەپىس، سىلىق ، قاپلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك. كىرغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى،كىرنى ئاسان يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ . سۈرتۈشكە چىداملىق،سۇ ئۆتكۈزمەسچانلىقى ياخشى،دائىم يۇيۇپ تۇرسىڭىز ،ئەسلى يېڭى ھالىتىگە كېلىدۇ. مەھسۇلاتىمىزنىڭ سىر قەۋىتى ئۇزاق ۋاقىت مۇستەھكەم تۇرىدۇ،يېپىشىشچانلىقى كۈچلۈك. بۇ مەھسۇلات ئىشقارلىشىشقا قارشى تۇرۇش ،سۇ ئۆتمەس ،چىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش،باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە . مەھسۇلاتنى سۈركىگەندە تەكشى تارقىلىشچانلىقى ياخشى بولۇپ ،قۇرۇلۇش قىلىش ئاسان.

شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان سۇۋما تام قەغەزلىرى بولسا  ئەلا سۈپەتلىك ئىمپورت خام ئەشيالارنى يۇقىرى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئالاھىدە ھۈنەر سەنئەت بىلەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات بولۇپ،ئىچكى تام سۇۋالغۇسى بىلەن تام قەغەزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن . ئاساسلىقى ئىچكى تامغا گۈل بېسىشقا ئىشلىتىلىدۇ.مەنپىى ئوكسىگېن ئىيونى ئۈزلۈكىسىز قويۇپ بېرىپ ،ئۆي ئىچىدىكى زەھەرلىك جىسىملارنى يوقىتىدۇ .بېزەپ بولغاندىن كېيىنلا ماكانلاشقىلى بولىدۇ.يوچۇق كۆرۈلمەيدۇ مەڭگۈ يېرىلىپ كەتمەيدۇ ،رەڭگى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ ،مەڭگۈ پاختىلاشمايدۇ .15000قېتىمدىن ئارتۇق سۈرتۈشكە چىدايدۇ.ئارتۇق چىقىم قىلىنمايدۇ ،ئەندىزى كۆپ خىل بولۇپ ،ئۆزىگە خاس لايىھەلەشكە بولىدۇ ،20يىل ئىشلىتىشكە بولدۇ .ئىككىنچى قېتىم سۇۋاپ يېپىۋەتكىلى بولىدۇ .

 باسما گۈللۈك قېلىپ سانائەت ئىشلەپچىقىرلىشىدا ،پۈۋلەش قىسىش ،بېسىش قۇيۇش ياكى پىرېسلاپ شەكىلگە كىرگۈزۈش تاۋلاش ،پىرىس بىلەن بېسىش سوزۇش قاتارلىق ئۇسۇللار .ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆرنەك قورالى ،قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ،مەھسۇلاتنى شەكىلگە كەلتۈردىغان قۇرال ،ئوخشىمىغان قېلىپلار ئوخشىمىغان دېتالاردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ، خام ئەشيانىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەچىقىرىش ئارقىلىق ماتېرىياللارنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش رولىغا ئىگە .

لاپاتكا  بولسا مەخسۇس سۇۋۇما تام قەغەز  سۇيۇقلۇقىنى (بوياقنى) باسما گۈللۈك قېلىپنڭ ئۈستىگە سۇۋاش ئارقىلىق قېلىپنى ھېچقانداق زىيانغا ئۇچىراتماي تامغا ھەر خىل باسما نۇسخىلارنى چىرايلىق بېسىپ چىقىرىدىغان قۇرال .

لى باڭ تې،جوڭتۇلىيەن سۇۋالغۇسى بولسا ئەلا سۈپەتلىك مۇھىت ئاسرايدىغان كاۋچۇك يېلىمى بىلەن ئىشلەپ چىقارغان ناھايىتى كۈچلۈك،نەپىس مۇھىت ئاسرايدىغان يېشىل مەھسۇلات.رەڭگى سەرخىل بولۇپ ئاساسلىقى سېمونتلۇق قۇم-لاي تام يۈزى،ئېندوكسىلىق قۇرۇلۇش تام يۈزى ،گەج-ناۋا ۋە ئانئورگانىك ماتېرىياللاردىن شەكىلگە كەلتۈرگەن تام يۈزى،ياغاچ قۇرۇلمىلىق تام يۈزلەرگە ،ئالى ئولتۇراق رايون،ھەشەمەتلىك مېھمانخانا،داچا،مەكتەپ قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا ئىشلىتىلىدۇ.نەپىس،سۈپەتلىك قاپلاش كۈچى كۈچلۈك، ئىشلىتىش قولايلىق ،يېپىشىش كۈچى ياخشى سۈرتۈشكە،يۇيۇشقا چىداملىق ئاسان دانچىسىمان ھالەتكەكەلمەيدۇ،ئاسان سۇيۇلۇپ كەتمەيدىغان بولۇپ،ئۇزۇن مۇددەت يېڭى ساقلىنىدىغان،يېشىل مەھسۇلات.

مايلىق سىرلار بولسا قۇرۇشى تېز ،سىلىقلاش، قۇرلۇش قىلىش ئاسان ،قول بىلەن تۇتقاندىكى سېزىم ياخشى ،پارقىرىتىش رولىغا ئىگە زامانىۋى،كۆركەم . قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ،سۈركىلىشكە چىدامچانلىقى ياخشى ،پۇرقى ئالاھىدە تۆۋەن،تۇراقلىقى يۇقىرى ،سۇۋاش كۆلىمى چوڭ، ئاسان ساغىرىۋالمايدۇ،چىرىشتىن ساقلايدۇ. تەكشى ئىېقىشچانلىقى يۇقىرى، تۇيۇنۇشچانلىقى ياخشى،كونىراشقا چىدامچان، بىخەتەر مۇھىت ئاسرايدىغان سۈپەتلىك، ئىشەنچلىك مەھسۇلاتلار بولۇپ،شىركىتىمىز ماكان مۇھىت يېشىللىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاچقا مۇشۇ مەھسۇلاتلار ئارقىلىق بازاردا مۇئەييەن كۆلەم ۋە ئىناۋەت تىكلىدۇق.

يېقىندا بىز ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى بولۇپ ئىمارەت نامىدىكى سۇ سىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتۇق، بۇ سىر تېخىمۇ زىيانسىز، پاكىز، پۇراقسىز، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى مەھسۇلات. بۇ مەھسۇلاتنىڭ مەشغۇلاتى ئاددىي، ئادەتتىكى سۇدا ئېرىتىلىدۇ، ئىشلىتىشكە ئەپلىك ، زور يوشۇرۇن بازار ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئىمارەت  پۇراقسىز سۇلۇق ياغاچ جاھاز سىرلىرى ئاگرىلىق كىسلاتا بىلەن پولىئورىناتنى بېرىكتۈرىشدىن  ھاسىل بولغان ماددىلارنى ئاساس قىلغان مەھسۇلات بولۇپ،ئۇنىڭ تەركىبىدە بېنزول تۈرىدىكى زىيانلىق ئېرىتكۈچىلەر ۋە ئەركىن ھالەتتىكىTDI قاتارلىق تەركىبلەر يوق. بۇ  سىردا  ئاگرىلىق كىسلاتا سىرىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بولغاندىن سىرت،يەنە سۈركىلىشكە ۋە خىمىيەلىك دورىلارغا بولغان چىدامچانلىقى كۈچەيتىلگەن،سىر قەۋىتى قاتتىق ۋە نەپىس، ئۇنىۋېرسال ئالاھىدىلىكى مايلىق سىرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.ئاساسلىقى ئىمارەت، ئىشخانا ۋە ئۆيلەرنىڭ ئىشىك دېرىزىلىرىنى ،ئۆي جاھازىلىرىنى سىرلاشقا، زىننەتلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

كۆپنىڭ كۈچى كۆپچە بولىدۇ، دوستانە ھەمكارلىق كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىزنىڭ تەرەققىيات پىلانىمىز  كارىخانىمىزنى سۇۋالغۇ ساھەسىدە رايونىمىز ۋە دۆلىتىمىزدىكى بايراقدار كارخانىغا ئايلاندۇرۇش،شۇنداقلا مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسىنى بەرپا قىلىپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭكى يىپەك يولى ئىستىراتىگيىسىگە ماسلىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدىكى بازارغا كىرىپ خەلقئارالىق چوڭ كارخانىغا ئايلادۇرۇپ دۆلەت تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ھەسىلەپ تۆھپە قوشۇش.

 



ئالاقىلىشىڭ
ئالاقە: شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى
يانفۇن: 13369667311,18999931131
تېلفۇن: 0991-2555807 0991-2554900
Email: imarat@126.com
QQ: 1606513483
ئۈندىدار: imaratcn
گۈدۈك: 23374
旺旺: renaya_ali
网址: http://www.imarat.cn/
ئادىرىس: ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونى دىۋوپۇ 1-ئەترەت لېخۇا 8- كوچىسى 83-نۇمۇر