مەھسۇلات چۈشەندۈرلىشى
بۇ مەھسۇلات يېپىششچانلىقى ياخشى بولۇش،كۆكىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،يۇقىرى –تۆۋەن تېمپىراتۇرىغا بەرداشلىق بېرىش،ئاقارتىش تېز ھەم قولايلىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىدارلارغا ئىگە بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد يۇقىرى ئۈنۈملۈك تالا تام سۇۋالغۇسى .ھەر-خىل خىش سىمونىت تاملارغا ،گىپىس تاختىلىق بېزەلگەن قايتا يېڭىلانغان تاملارغا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ .

ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
لازىملىق ئەسۋابلار:چوتكا،تولۇق ياكى ئادەتتىكى پۈكۈپ سۇۋاش،ئوكسىگىنسىز سۇۋاش.
سۇيۇلدۇرۇش ئۇسۇلى:قۇرۇشنىق قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە تېمپىراتۇرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ نورمال سۇ بىلەن سۇيۇلدۇرۇش،سۇيۇلدۇرۇش دەرىجىسى %20دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ،ئەڭ ياخشىسى سۇ قوشماسلىقىمىز تۈزۈك.
ئىشلىتىش تەرتىپى :
ئەڭ ئاۋال تالا تام تەگ سىرىنى بېرىمىز ،ئاندىن تالا تام سۇۋالغۇسىنى سۇۋايمىز،ئەڭ ئاخىرىدا تالا تام يۈز سىرىنى بېرىۋەتسەك بولىدۇ .

دېققەت قىلىشقا تىگىشىلىك ئىشلار:
سۇۋاش يۈزى قۇرغاق ،پاكىز،چاڭ-توزان بولماسلىقى كېرەك،قۇرلۇش تېمپىراتۇرىسى 5 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولماسلقى ،يامغۇرلۇق كۈنلەردە قۇرلۇش قىلماسلىق لازىم .تامنىڭ نەملىك نىسبىتى %10تىن تۆۋەن بولىشى،قەۋەتلەر ئارا تۆت سائەتتە بىر سىلىقلاش ۋە قايتا سۇۋاش كېرەك .بۇ مەھسۇلاتنى سالقىن قۇرغاق جايدا ئاغزىنى مەھكەم ئېتىپ ساقلاش كېرەك.








