


شىركىتىمىزنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرلىشى:ئىمارەت سۇۋالغۇ زاۋۇتىمىز 2009 - يىلى1-ئايدا قۇرۇلغان، ئەينى چاغدا پەقەت ئىككى خىل مەھسۇلاتنىلا ئىشلەپچىقىرىدىغان كىچىك تىپتىكى زاۋۇت ئىدى . يەنى، ئۈرۈمچى لى باڭ تې سۇۋۇما تام قەغەز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئۆي ئىچى بېزەشنى ئاساس قىلغان ئىدى .ئۈزلۈكسىز يېڭى تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈپ،توختىماي تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ،جاپالىق بازار ئېچىش،يېڭىلىق يارىتىش شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا،2013-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى رەسمىي قۇرۇلدى.بۇ شىركەت سۇۋۇما تام قەغەز ۋە ئىچكى تام-تالا تام سۇۋالغۇسى ئىشلەپچىقىرىش،ئىشلەپچىقىرىشتا تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ۋە ھەرخىل گۈل باسما بوياقلار،ھەرخىل گۈل باسما قېلىپلار،ئىچكى تالا تام سۇۋالغۇلىرى ،ئىچكى تالا تام سۇۋالغۇ رەڭلەر ،مېتال سىر ،سۇلۇق ياغاچ جاھاز سىرلىرى ، مايلىق ياغاچ جاھاز سىرلىرى ،تاش سىرلىرى ،ماي دوغاپ ۋە مايلىق سۈزۈك سىر رەڭ،سۇلۇق دوغاپ ،سۇلۇق سۈزۈك سىر رەڭ،يۇڭلۇق چوتكا ،سىر چوتكا ،دومىلىما چوتكا قاتارلىق سۇۋالغۇ خام ماتېرىياللىرىنى سېتىش بىلەن بىرگە ئۆي ئىچى-سىرتىنى بېزەش قۇرۇلۇشىنى قىلىدۇ.شۇنداقتىمۇ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسى تاۋار ئالماشتۇرۇشتىكى تۇنجى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى بولغاچقا بىز بۇ جەھەتتە ئۈزۈكسىز ئىزدىنىپ، تەجرىبىلەرنى توپلاپ، 2013 - يىلى رەسمىي ئىمارەت نامىدىكى شىركەتنى ئەنگە ئالدۇردۇق.


نۆۋەتتە شىركىتىمىزنىڭ زاۋۇت، ئىشخانا ئومۇمىي كۆلىمى 4000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ،28نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىمىز بار. 547 ئۇنىۋېرسال سېتىش ئورنىمىز ۋە 53 ۋاكالەتچىمىز بار بولۇپ مەھسۇلاتىمىزنىڭ تۈرى 50 خىلدىن ئاشىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش،تەتقىقات ،سېتىش ۋە بېزەكچىلىك بىر گەۋدە قىلىنغان شىركەت. شىركىتىمىزدە دىرېكتور ئىشخانىسى، ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى، سېتىش بۆلۈمى، ئېلان تەشۋىقات بۆلۈمى، مالىيە ئىشخانىسى ،كۆرگەزمە زالى، ئارقا سەپ بۆلۈمى ۋە ھۈنەر سەنئەت ئىشخانىسى بار. ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى قارمىقىدا يەنە زاۋۇت ۋە مەھسۇلات تەتقىقات بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان. زاۋۇتىمىزنىڭ بارلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق ۋە يۈرۈشلەشكەن. زاۋۇت رايونىدا خام ماتېرىيال ئامبىرى، خۇرۇچ ئامبىرى، تەييارلاش سېخى، ئەۋرىشكە ئامبىرى، ئىسكىلات، قېلىپ ياسىمىخانا، بوياق سېخى قاتارلىق بىر قاتار ئىنچىكە ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى تەسىس قىلىنغان.



شىركىتىمىزنىڭ قارىمىقىدا ھازىر شىنجاڭ بازارىرىغا يۈزلەنگەن ماركىدىن ئىمارەت، كۆركەم، نەقىش، قالقان قاتارلىق تۆت ماركا، مەمىلىكىتىمىز بازىرىغا يۈزلەنگەن ماركىدىن جوڭتۇليەن، لىباڭتې، قاتارلىق ئىككى ماركا بار .بىزنىڭ شۇئارىمىز :ئىمارەت سۇۋالغۇسى ئۈچۈن سۈپەت ۋە ئىنچىكىلىك بىرىنجى ئورۇندا.