

ئىمارەت شىركىتىمىزنىڭ دىرېكتورى ئالىمجان ئابدۇرېشىت ئەپەندى 1979 - يىلى كۈنەس ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، بالا چاغلىرىدا ئاتا - ئانىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېلىپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان. 2003 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش كەسپىنى ئوقۇپ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈگەن . ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى قارمىقىدىكى يول، كۆۋرۈك، ئىمارەت قۇرۇلۇشى شىركەتلىرىدە تېخنىك، ئىنژېنېر، نازارەتچى ئىنژېنېر، باش ئىنژېنېر، تۈر دىرېكتورى بولۇپ ئىشلىگەن. قۇرۇلۇش ساھەسىدە مول نەزەرىيەۋى بىلىم ۋە ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە.

ئۇ قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئىشلەش جەريانىدا مىللىي كارىخانىچىلىقىمىزدا سۇۋالغۇچىلىقنىڭ بىر بوش ساھەلىكىنى بايقىغان، نەتىجىدە 2009 - يىلى 1 - ئايدا سۇۋالغۇ زاۋۇتى قۇرۇپ تىجارەتنى باشلىغان. ئۇ سۇۋالغۇچىلىقنىڭ ئۆز كەسپى بىلەن يەنىلا مۇئەييەن پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى بۇ ساھەدىكى تېخنىكا ۋە بىلىمىنى تولۇقلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، 2009 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ ئىچكىرىدىكى داڭلىق سۇۋالغۇ خىمىيە سانائىتى شىركەتلىرىدە مۇددەتلىك، سىستېمىلىق، ھەقلىق تەربىيەلىنىپ، سۇۋالغۇچىلىقنىڭ نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي تېخنىكىلىق بىلىملىرىنى ئەتراپلىق ئىگىلىگەن.

نەتىجىدە 2013-يىلى سۇۋالغۇچىلىق ساھەسىدىكى تۇنجى مىللىي كارخانا ئىمارەت شىركىتىنى رەسمىي ئەنگە ئالدۇرغان، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق خەيرى-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ،ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى بولغان ،ھازىر شىركەتنىڭ باش دېرىكتولۇق ۋەزىپىسى بىلەن شىركەت تەجىربىخانىسنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە .