كارخانا كوللېكتىپى ھەققىدە
About_us
كارخانا كوللېكتىپى ھەققىدە

شىركىتىمىز تەجرىبە-تەتقىقات ،ئىشلەپچىقىرىش ،سېتىش ۋە بېزەكچىلىكىنى بىر گەۋدە قىلغان شىركەت بولۇپ شىركىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلىرىنى شىركەت ھەرقايسى بۆلۈمدىكى ئىشچى-خادىملىرىنىڭ  ئورتاق تىرىشچانلىقى شۇنداقلا بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ مۇشۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ يېشىل ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئورتاق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ، شىركىتىمىزدىكى ھەر بىر خادىم پۇراقسىز،زىيانسىز ،يېشىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىگە ئاساسەن ھەر بىر ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلغان ئاساستا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، قاتتىق تەلەپ بويىچە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھەرخىل مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ،  ئۆز خىزمەت ئورنىدا  بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە .

微信截图_20190308170745.jpg微信截图_20190404135242.jpgIMG_1281.jpg

QQ截图20170825161427.jpg

شىركىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى، سېتىش بۆلۈمى،ئۇنىۋېرسال بۆلۈم ، ئېلان-تەشۋىقات بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى ،ھۈنەر-تەجرىبە بۆلىمىدىن تەركىب تاپقان ، ھەرقايسى بۆلۈملەر تولۇق ئايرىلغان ،تۈزۈمى سىستېمىلاشقان شىركەت بولۇپ، ئاياللار %25پىرسەنتنى،ئەرلەر%75پىرسەنتنى، ياش نىسبىتى جەھەتتىن  شىركىتىمىزدىكى خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە ياش نىسبىتى30ياش . ئەلۋەتتە  ئوقۇش تارىخىمۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر. شىركىتىمىز خادىملىرى ئىچىدە دوكتور ئاشتى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار 4% پىرسەنتنى، مەخسۇس كۇرۇس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار  4%پىرسەنتنى،تۇلۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار25%پىرسەنتنى، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار%12.5  پىرسەنتنى، تۇلۇق ئوتتۇرا ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار%16.7 پىرسەنتنى،تولۇقسىز ئوتتۇرا ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار %37.5 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ.

QQ截图20170825161401.jpg

شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتى