

شىركەت زاۋۇتىنىڭ رايون كۆرىنىشى
شىنجاڭ ئىمارەت سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇتى ئۈرۈمچى مىچۈەن كۆكتاغ رايونى كاڭجۇاڭ شەرقىي يولى -2833نومۇرغا جايلاشقان . مۇھىتى پاكىز، ماشىنا توختىتىش مەيدانى ئازادە، يۈك ماشىنىلىرىنىڭ كىرىپ چىقىش شارائىتى ناھايىتى قولايلىق بولۇپ ، زاۋۇتىمىزنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ئوراپ قاچىلاشقىچە بولغان ئىش ھالقىلىرى مۇنتىزىم ، پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەت تۈزۈمى ئاساسىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ .


زاۋۇت خادىملىرى شىركەتنىڭ كۈچلۈك باشقۇرۇشى ۋە نازارەتچىلىگى ئارقىلىق مەسئۇلىيەت بىلەن سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ، تۈجۈبىلەپ ئىشلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە . زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر، ئىلغار پەن-تېخنىكا زاۋۇتىمىزدا تولۇق كاپالەتكە ئېگە . بارلىق ئىشلەپ چىقىرىش جەريانى مۇھىت ئاسراش تەلىپىگەئۇيغۇن.
شىركىتىمىزدە دىرېكتور ئىشخانىسى، ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى، سېتىش بۆلۈمى، ئېلان تەشۋىقات بۆلۈمى، مالىيە ئىشخانىسى ،كۆرگەزمە زالى، ئارقا سەپ بۆلۈمى ۋە ھۈنەر سەنئەت ئىشخانىسى بار. ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى قارمىقىدا يەنە زاۋۇت ۋە مەھسۇلات تەتقىقات بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان.

زاۋۇتىمىزنىڭ بارلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق ۋە يۈرۈشلەشكەن بولۇپ خىزمەتچىلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۇلارغا ياخشى بولغان خىزمەت شارائىتى ۋە مۇكەممەل تەربىيەلىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىمىز. خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شىركەتنىڭ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك باشقۇرۇش مۇھىتى بەرپا قىلىمىز،ھەمدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مۇھىتىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، شىركەتنىڭ تىجارەت نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.